پارتلاتقۇچ خەۋەر: ب د ت دوكلاتى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن كۈتۈلگەن دوكلات ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت توشۇشقا ئون مىنۇت قالغاندا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدا تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بارغان جىنايەتلىرى سانالغان.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ غايەت زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۇرغۇن كىشىلەر مېشەل باچلىتنىڭ ۋەزىپىدىكى كۈنىدە بۇنداق بىر كۈچلۈك دوكلات نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشنى كۈتمىگەن. ئۇنىڭغا كەلگەن خەلقئارا بېسىمنىڭ تەسىرى ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق تەرەپكە قاراپ نەتىجىلەنگەن. بۇ دوكلات گەرچە ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ھۆكۈم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەسىرى ۋە ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاش كۈچ كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي بۇنداق بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن بەك زور كۈچ سەرپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىق بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، يەككە پائالىيەتچىلەر، لاگېر شاھىتلىرىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.