ب د ت نىڭ ئاخىرقى دوكلاتى ھەققىدە مېشەل باچلىت: ئۇيغۇرلار دوكلاتى مەسلىسدە بەك زور بېسمغا دۇچ كىلىۋاتىمەن؛ئەمما دوكلات ئىلان قىلىنىدۇ.

ب د ت ئ‍نسان ھەقلىرى كومېتىتى باش مەسئۇلى مېشەل باچلىت 31-ئاۋغۇست ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ پېينسگە چىقىدۇ.ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورگان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق ۋە مۇستەقىل دوكلات ئىلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

« ب د ت»نىڭ ئاخىرقى دوكلاتى ھەققىدە مېشەل باچلىت: ئۇيغۇرلار دوكلاتى مەسىلىسىدە بەك زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىمەن، ئەمما دوكلات ئېلان قىلىنىدۇ

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاۋغۇست

« ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» باش مەسئۇلى مېشەل باچلىت 31-ئاۋغۇست ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيەگە چىقىدۇ. ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورگان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق ۋە مۇستەقىل دوكلات ئېلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۇ ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى ئاچقان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:« مەن بۇ دوكلات ھەققىدە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدىم، ئەمما بۇ بېسىملار دوكلاتنى ئېلان قىلىشىمغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.»

بۇ ئاي بېشىدا «ب د ت» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇرنىڭ قۇل قىلىنغانلىقى يورۇتۇلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر دوكلاتنىڭ «ب د ت» ئاخىرقى دوكلاتى بىلەن قارىمۇقارشى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى، ئەگەر شۇنداق بولسا، « ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى»نىڭ نوپۇزى يوق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ب د ت» مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ باھاسى ۋە مەزمۇن قوشۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان.

بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر دوكلاتنىڭ كېچىكىپ ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

مېشەل باچلىت بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆز دۆلىتى چىلىغا قايتىپ دەم ئالىدىكەن. «ب د ت» باش كاتىپى ئۇنىڭ ئورنىغا تېخى نامزات كۆرسەتمىگەن. مەزكۇر نامزات نيۇ-يوركتا سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمى يېغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

شە ئاۋغۇست 27 , 2022
شەيئى ياكى ھادىسىلەرگە تەنقىدى نوختىدىن قاراش بىلەن بىرگە ئىجابىي نوختىدىنمۇ قاراش كېرەك- خاتىرەمدىن. ئارگېنتىنا سوتى -« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يولىدا باسقان بىر ئوڭۇشلۇق قەدىمى- ئۈزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرى.

You May Like