ب د ت: 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

ب د ت: 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 22- ئۆكتەبىر

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى سىن يىغىنىدا فىرانسىيەنىڭ «ب د ت» دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولا دۆ غىۋىيېغ  Nicolas de Rivière سۆز قىلىپ خىتاينىڭ شەرتسىز ھالدا «ب د ت» كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن شۇنداقلا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 43 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بىرلىكتە ئىمزالىغان باياناتىنى جاكارلىغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: « بىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە، سىستېمىلىق ھالدا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى كۆپلەپ كۆرۈۋاتىمىز. بۇلار ئىنسانلارنى خورلاش، قىيناش، رەھىمسىزلەرچە پەسكەشلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ياكى تەن جازاسى بېرىش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق، جىنسىي زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش، شۇنداقلا بالىلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىدىن باشقا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، كۈندىلىك ھەرىكەت ئەركىنلىكى، سۆز قىلىش ئەركىنلىكى شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيىتى قاتتىق چەكلەنگەن. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋاملىق نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دەرھال شەرتسىز ھالدا «ب د ت» كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچىلىرىگە رۇخسەت قىلىپ ئۇلارنىڭ توسقۇنسىز ھالدا شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) غا كىرىپ تەكشۈرۈش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.»

يىغىندا خىتاينىڭ «ب د ت» دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باياناتنى «يالغانچىلىق» ۋە «خىتايغا قارشى سۇيىقەست» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ باياناتنى «قىلچە ئاساسى يوق يالغانچىلىق» دەپ رەت قىلغان. ئۇ :« شىنجاڭ ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلق كۈنىمىزدىكى قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرلەشلەردىن پەخىرلىنىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئىلگىرى «ب د ت» يىغىنلىرىدا 2019-يىلى ۋە2020-يىللىرى ئىككى قېتىپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا 23 دۆلەت، ئىككىنچى قېتىمدا 39 دۆلەت ئىمزا قويغان. بۇ قېتىملىق ئىمزا قويغان دۆلەتنىڭ سانى 43 دۆلەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئالبانىيە؛ ئاۋسترالىيە؛ ئاۋسترىيە؛ بېلگىيە؛ بۇلغارىيە؛ كانادا؛ كىرودىيە؛ چېخ جۇمھۇرىيىتى؛ دانىيە؛ ئېستونىيە؛ سۋازىلېند (ئافرىقا قىتئەسىدە)؛ فىنلاندىيە؛ فىرانسىيە؛ گېرمانىيە؛ ھوندۇراس (لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە)؛ ئىسلاندىيە؛ ئىرېلاندىيە؛ ئىتالىيە؛ ياپونىيە؛ لىتۋانىيە؛ لىبېرىيە (ئافرىقا قىتئەسىدە)؛ لېيچتېينىشتېيىن (ياۋروپا قىتئەسىدە)؛ لاتۋىيە؛ لىيۇكسېمبۇرگ؛ مارشال ئاراللىرى (ئوكئانىيە قىتئەسىدە)؛ موناكو؛ مونتېنېگرو (ياۋروپا قىتئەسىدە)؛ ناۋرۇ ئاراللىرى(ئوكئانىيە قىتئەسىدە)؛ گوللاندىيە؛ يېڭى زېلاندىيە؛ شىمالىي مارىئانا فېدېراتسىيەسى (ئوكئانىيە قىتئەسىدە)؛ نورۋېگىيە؛ پالاۋ جۇمھۇرىيىتى (ئوكئانىيە قىتئەسىدە)؛ پولشا؛ پورتۇگالىيە؛ سانت مارتىن (ياۋروپا قىتئەسىدە)؛ سىلوۋاكىيە؛  
سىلوۋېنىيە؛ ئىسپانىيە؛ شىۋېتسىيە؛ تۈركىيە؛ ئەنگلىيە؛ ئامېرىكا؛

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدىكى تۈرك ماھىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى

جۈ ئۆكتەبىر 22 , 2021
«ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» دىكى تۈرك ماھىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى

You May Like