ستراسبۇرگتا خۇاۋېيغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

18-مارت فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى <<ئالساس(بۈيۈك شەرىق) رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى>>conseil de grand est نىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش ماگناتى بولغان خۋاۋېينىڭ مەركۇز رايوندازاۋۇت قۇرۇش پىلانىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا <<فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 19-مارت ستراسبۇرگ خەۋىرى

 

ئارمان

 

18-مارت فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى <<ئالساس(بۈيۈك شەرىق) رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى>>conseil de grand est نىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش ماگناتى بولغان خۋاۋېينىڭ مەركۇز رايوندازاۋۇت قۇرۇش پىلانىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا <<فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

 

بۇ نامايىش، مەركىزى فرانسىيەدىكى << ياۋروپا پۇقرالار تەشەببۇسى>> Initiative Citoyenne تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىكلەر ۋە فالۇنگۇڭچىلاردىن بولۇپ 200غا يېقىن كىشى قاتناشقان. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشچە، فرانسىيەنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ئالساس بۈيۈك شەرق Grand est Alsace رايونلۇق ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ خۇاۋېي شېركىتىگە ئىجازەت بېرىپ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئۈسكۈنە زاۋۇتى قۇرۇشىغا ئورۇن بەرگەن،ۋە شۇنداقلا رايونلۇق مالىيە خامچوتىدىن 800مىڭ ياۋرولۇق ياردەم پۇلى بېرىشنى تەستىقلىغان. فرانسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئالساس رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا قارشى ئاۋازچىقارغان. جۈملىدىن <<ياۋروپا پۇقرالار تەشەببۇسى>> تەشكىلاتىمۇ بۇ پىلانغا قارشى چىقىپ مەزكۇر نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان.

 

شۇجاي ۋاقتى 11دە باشلانغان نامايىشتا ئالدى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى گىيرۇد بغىجىت Guiraud Brigitteخانىم سۆزگە چىقىپ بۈگۈنكى نامائىشنىڭ مەقسىتى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلىش پۇرسىتىنى بەردى. <<فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> تەشكىلاتىغا ۋاكالەتەن سۆزگە چىققان ئادىل قاسىم ئەپەندىم نامائىش ئەھلىگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: << بىز بۈگۈن فرانسيدە ياشاۋاتقان جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالەتەن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق. خىتاينىڭ دەھشەتلىك جازا لاگېرلىرىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملىرىمىز، ئاتا ئانىسىدىن رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋېتىلگەن نارىسىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ بۇ يەرگە كەلدۇق. خىتاينىڭ 21- ئەسىردىكى زور قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ شېرىكى بولغان خۇاۋېيدەك بىر شېركەتنىڭ فرانسىيەدە زاۋۇت قۇرماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئەجەپلەندۇق ۋە چۆچىدۇق. فرانسىيەدەك دېمكۇراتىيە قانۇن پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەتنىڭ بۇنداق بىر شېركەتكە ئىجازەت بېرىشى پۈتۈن فرانسىيە خەلقى شۇنداقلا ياۋروپا خەلقى ئۈچۈن نومۇس!>>. ئادىل قاسىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە فرانسىيە خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولىشىنى تەكىتلىدى. نامائىش مەيدانىدا <<ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك>>! ،<<خۇاۋېيغا ياق دەيمىز>>! دېگەندەك شوئارلار ياڭرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا تىبەت، موڭغۇل، ۋە باشقا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلدى. ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياشلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن <<ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن>> strasbourg for uyghur گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەسىرلىك نۇتۇقلارنى قىلدى. نامائىش ئاخىرىدا << ياۋروپا پۇقرالار تەشەببۇسى>>نىڭ مەسئۇلى گىيرۇد بغىجىت خانىم نامائىشقا قاتناشقان بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئوچۇق خەتنى ئېلىپ ئالساس رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىپ مەزكۇر رايوننىڭ رايون باشلىقى ژاڭ غوتتېنىغ Jean Rottner ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇزاق ئۆتمەي مەزكۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت نامىدىن ژاڭ غوتتېنىغ ئىمزاسىدىكى جاۋاب خېتى ئېلان قىلىندى. جاۋاب خەتتە ژاڭ غوتتېنىغ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن خۇۋاۋېيغا ئىجازەت بېرىش قارارىنىڭ فرانسيە دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركۇز رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق قارارى ئىكەنلىكىنى. ئەگەر زۆرۈر كەلسە بۇ ھەقتە قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ قايتىدىن قارار چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

 

نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى نامايىشىنى تۈگىتىپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان <<كۇڭزى ئىنىستىتۇتى>> ئالدىغىچە بارغان. ھەمدە ئۇ يەردىمۇ قىسقا مۇددەتلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان.

 

نامايىشقا فرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخپارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخپىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ستراسبۇرگ شەھەرلىك رادىئو ئۇزىلىدا نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بەرگەن. مەركۇز نامائىشنىڭ شۇ جايدىكى تەسىرى ۋە مېدىئالارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى شۇ كۈنى كەچتە خىتاينىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى كونسۇل ئىشخانىسى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ بۇ نامايىشنى قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ بىلجىرلىغان.

 

نامائىشقا مۇناۋسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ئۇلىنىشلىرى:

 

https://www.rue89strasbourg.com/region-grand-est-interpellee-manifestants-chinois-arrivee-huawei-202945

 

https://www.dna.fr/economie/2021/03/18/manifestation-contre-huawei-en-alsace-strasbourg

 

https://www.lefigaro.fr/flash-eco/strasbourg-150-personnes-manifestent-contre-l-implantation-de-huawei-en-alsace-20210318

 

https://www.leparisien.fr/economie/strasbourg-mobilises-contre-une-usine-huawei-en-alsace-19-03-2021-H6J7HORKAVBORNKYRL2NSCFBYY.php

 

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20210318-%E7%BB%B4%E6%9D%83%E5%8D%8F%E4%BC%9A%E5%9C%A8%E6%96%AF%E7%89%B9%E6%8B%89%E6%96%AF%E5%A0%A1%E6%B8%B8%E8%A1%8C-%E6%8A%97%E8%AE%AE%E5%8D%8E%E4%B8%BA%E5%B0%86%E5%9C%A8%E9%98%BF%E5%B0%94%E8%90%A8%E6%96%AF%E5%BB%BA%E5%8E%82

 

خىتاينىڭ ستراسبۇرگتىكى كونسۇلىنىڭ تۋىتتېرى:

 

https://twitter.com/consulat_de/status/1372591555131936775?s=20

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئىمبارگۇ ئېلان قىلدى

دۈ مارت 22 , 2021
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئىمبارگۇ ئېلان قىلدى

You May Like