جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى

خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15- نويابىر دۈشەنبە كۈنى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 13- نويابىر

خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15- نويابىر دۈشەنبە كۈنى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.

ئاق ساراي باياناتچىسى Jen Psaki شەنبە كۈنى بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېگەن : « ئىككى رەھبەر قانداق قىلغاندا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارماقچى،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جو بايدىن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتايغا بولغان ئەندىشىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقچى.» 

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بايدىن بىلەن شى نىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، يەنى 12- نويابىر شەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆز -ئارا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. خىتاي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن : « تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى بۇ رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىت، ئەگەر ئامېرىكا راستتىنلا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىسا، چوقۇم تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئېنىق ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك،  ئامېرىكا تەرەپ بىر خىتاي سىياسىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، تەيۋەن مۇستەقىل كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.» 

ئاق ساراي باياناتچىسى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۈنۈملۈك بولغان رىقابەت قائىدىلىرىنى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە پرېزىدېنت ئۆزى ئەندىشە قىلىۋاتقان ساھەلەردە ئۆزىنىڭ پىكىرنى ساقلاپ قالىدۇ.» 

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتىسى، شى نىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىننى كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىش -قىلماسلىقى شۇنداقلا بايدىننىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئىكەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى قوزغاپ «بېيجىڭ ئولىمپىكى»نى بايقۇت قىلىش ئاۋازلىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، بۇ خىل شارائىتتا ئەگەر شى جىنپىڭ بايدىننى تەكلىپ قىلىپ قالسا بۇ جو بايدىن ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر باشلاندى

شە نويابىر 13 , 2021
13- نويابېر كۈنى ئەتىگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى پائالىيىت باشلاندى .

You May Like