ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېما رايلىي يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان.

فرانسىيە رادىئوسى، 2020- يىلى 4- نويابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 4- نويابىر

 

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېما رايلىي  يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان.

 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتى بۇنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېما رايلىي (Emme Reilly) نىڭ دېيىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھەر قېتىم يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دىن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بار-يوقلىقى توغرىسىدا سورايدىغان بولۇپ، ئېمانىڭ باشلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. رايلىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پۈتۈنلەي بەلگىلىمىگە خىلاپ. ئەمما ب د ت خىتاينى بەلگىلىمىنىڭ سىرتىغا قويۇپ، يەنە كېلىپ پەقەت خىتاينىلا بۇ بەلگىلىمىنىڭ سىرتىغا قويۇپ، ئىسىملىك بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سالدى.»

 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رايلىي بۇ ئەيىبلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى توردا ئېلان قىلغان. ئۇ بۇلتۇر دېكابىردا ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە نوپۇزلۇق دېپلوماتلىرىنى مۇشۇ ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

 

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، تېكساسلىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مىكول (Michael McCaul) تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېگەن: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىغا قۇرۇلغان…، ئەگەر بۇ دوكلات چىن بولسا، ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىدۇق.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بۇ يىلمۇ شەرقٮي تۈركٮستان جۇمھۇرىيەت كۈنٮنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا خاتٮرٮلەیمەن!

جۈ نويابىر 6 , 2020
مٮللٮي بایراملٮرٮنى خاتٮرٮلٮمەیدٮغان مٮللەت تارٮخ ئٻڭى یوقالغان مٮللەت.

You May Like