ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. «ئايدىنلىق» تۆھمەت باشلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. «ئايدىنلىق» تۆھمەت باشلىدى

 ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. «ئايدىنلىق» تۆھمەت باشلىدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى14-ماي

8-ماي كۈنى تۈركىيەدىن ئامېرىكىغا زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، سېيىت ئەپەندىنىڭ 8 يىلدىن بىرى ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىلا ئەمەس، خىتاينى ياقىلايدىغان تۈركىيە ۋەتەن پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ زۇۋانى بولغان «ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭمۇ قىزىقىشنى قوزغىغان.

سېيىت تۈمتۈرك سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم نىيىتى يامان كىشىلەر تەرىپىدىن قارىلىنىپ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكى، كىيىن ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (Uyghur Times )نىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلغان سۆھبەتتە، سېيىت تۈمتۈرك ئۆزىنىڭ تەشكىلاتى، ھەرىكەتلىرى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار كەسكىن سوئاللارغا دۇچ كەلگەن ۋە جاۋاب بەرگەن.

«ئايدىنلىق گېزىتى»-تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس «ۋەتەن» پارتىيەسى قۇرغۇچىسى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇ بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ھەر قانداق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىنى ئامېرىكا جاسۇسى دەپ قارىلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى غەربنىڭ خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ۋاسىتىسى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.خىتاينىڭ ھەر قانداق سىياسىتىنى ۋاسىتە تاللىماي ھىمايە قىلىدۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەتتا خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسدىنمۇ بەكرەك ھىمايە قىلىدۇ.

مەزكۇر گېزىت سېيىت تۈمتۈركنى خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش «بۆلگۈنچى» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇنى ئامېرىكا مالىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، فەتوچى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى دەپ ئەيىبلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلى جازاغا تارتىلدى ، ئىماممەمەت ئەلىنىڭ قاچان؟

شە ماي 14 , 2022
گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلى جازاغا تارتىلدى ، ئىماممەمەت ئەلىنىڭ قاچان؟

You May Like