ئاخىرقى جانلار
(توقۇلما ھىكايە)
ئاپتورى: ۋولقان
2019-يىلى 20-يانۋار
10 يىلدىن كىيىن، قەشقەر،.. قادىر ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم ئىدى، كشىلەر ئۇنى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىن ئامان قالغان تەلەيلىك ئادەم دەپ ئويلىسىمۇ ئەمما لاگىردىن چىققانغا ھىچ ئوخشىمايتتى. خۇددى ئالاھىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن چىققاندەكلا ئىدى. ئۇنىڭ تەن ساغلاملىقى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، روھى كەيپىياتىمۇ نورمال كۆرۈنەتتى ۋە بىرئاز جىددى تۇيغۇ بىرەتتى. بۇرۇنقى كۈلكە چاقچاق ۋە يۇمۇرلۇق گەپلەرگە قىزىقىشى قالمىغان ئېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدا يىڭى خارەكتىر مىجەزلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يىمەك – ئىچمەكتىن باشلاپ يۈرۈش- تۇرۇشقىچە، مەدەنىيەتكە بولغان كۆز قاراشتىن باشلاپ ھۆكۈمەتكە بولغان پوزىتسىيەگە قەدەر ھەممىسىدە ئىچ ئىچىدىن چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى. ھەرقانداق تاماقنى چوكا بىلەن يىيىشكە كۆنۈك ئىدى. ئۆيدىكلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىننى كۆرسە دەرھال جىددىيلىشىپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتەتتى ۋە ئۇدۇل نامازخاننىڭ قىشىغا يۈگرەيتتى. بىر قانچە قىتىم بۇ ۋەقە يۈزبەرگەندىن كىيىن ئائېلىدىكىلەر مۇمكىنقەدەر ئۇ يوق يەرلەردە ئىبادەت قىلىدىغان بولغان ئېدى. بەزىدە خىلمۇخىل تىمىلاردا بەس مۇنازىرە بولاتتى، بۇنداق چاغلاردىمۇ ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ پىكىر چۈشەنچلىرىنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالاتتى. بىر قتىم ئۇ مۇنداق دىگەنئىدى:» بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇلۇغ خەلق، شانلىق تارىخىمىز بار، تار مىللەتچىلىكنى يوقىتىشىمىز، ئىناق – ئىجىل ياشاپ دۇنياغا خوجا بولىشىمىز كىرەك». قادىردىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى دەسلەپتە كۆرگەنلەر ئانچە ھەيران قېلىشمىدى. ھەممىسى ئويلايتتىكى ئۇزۇن مۇددەت خىتاي تۈرمىلىرىدە بەلكىم تۈرلۈك خورلاشلار تۈپەيلى شۇنىڭغا مەجبۇرلانغاندۇ يەنە ئاز كۈندىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالىدىغۇ . ئەمما ئۇنىڭ بۇخىل غەيرى قىلىقلىرى شۇلار بىلەنلا تۈگىمەيتتى بەزىدە تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ھادىسلەرمۇ يۈز بىرەتتى. بىر كۈنى كەچتە ئۇ يالغۇز كىتىۋاتاتتى. يان كوچىدىن بىر مۈشۈك چىقىپ ئۇنىڭغا مىياڭلىغىنىچە يىقىنلاشتى بىراق ئۇ كاپپىدە قىلىپ تۇتىۋالدىدە ئادەم يوق يەرگە ئاپىرىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈپ كاۋاپ قىلىپ يەۋەتتى. ئۇنىڭ بۇخىل غەيرى ھەرىكەتلىرىنى باشقىلار كۆرمىگەن ئېدى. بىر يىل ئۆتتى ،ئىككى يىل ئۆتتى كىيىن قەشقەر كوچىلىرىدا بىرخىل ئەنسىزلىك، ئەندىشە ۋە ھىچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە قورقۇنچ ھەممە تەرەپنى قورشاشقا باشلىدى، چۈنكى قادىرغا ئوخشاش بىنورمال ئۇيغۇرلار ھەممە يەرنى قاپلىغان ئېدى. بىر قانچە يىللاردىن كىيىن چەتئەلدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بايقىشىچە ئەسلى 2017 يىلىدىن باشلىنىپ خىتاي جازا لاگىرلىرىغا ئىلىپ بىرىلغان ۋە شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلغان 3 مىليوندىن 5 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇرلار خىتايلار تەرىپىدىن بىئو – خىميە ۋە مىڭە كونترول تەجىربىلىرىگە ئىشلىتىلگەنلىكى ئىنىقلانغان بولۇپ، تەجىربىە جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئىزىنى قويماي يوقۇتۇپ، تەجىربىدە ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئەڭ ساغلام ۋە قىيىن قىستاقلاردىن ساق قالغانلارغا قوللانغان ئېكەن. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مىڭىسىگە مىكرو ئىلكتىر تاياقچىسى يەرلەشتۈرۈلۈپ پەقەت قاچىلانغان پىروگرامما بويىچە ھەركەت قىلىدىغان يىڭى بىر غەيرى كىملىكتىكى ئادەملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئېكەن ۋە بۇلارنى جەمئىيەتكە قويۇۋىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيىلىك پىلانلىرىغا يەتمەكچى بولغان ئېكەن.