ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى ختاي ئشلىرى ئىجرا كومېتىتى ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن ماركۇ رۇبىئۇ مۇنداق دىدى: خاماسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبى: ئسرائىلىيەنى زېمىندىن يوق قىلىشتۇر. شۇڭا ئسرائىلىيەنىڭ ھاماسنىڭ تۈنۈگۈنكى ياۋايى ھۇجۇمىغا قارىتا بىردىنبىر تاللىشى-ھاماسنى مەڭگۈلۈك بېتچىت قىلىشتۇر. ئسرائىلىيەنى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ياكى ئۇرۇش توختىتشقا چاقىرغان […]
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر خاماس 7-ئۆكتەبىر ئسرائىلىيەگە تۇيۇقسز ئۇرۇش ئىچىپ، بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن ئسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى دۇنيادا كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا. ئامېرىكا يېڭى جىرسى شتاتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى پىرەزدىنتلىق نامزاتى كىرس كىرستى يەكشەنبە سەھەر فوكس خەۋەرلىرىگە بەرگەن زىيارەتتە مۇنداق دىدى: بىز ئامېرىكا ئىچكى زىددىيەت ئىچىدە تۇرغاندا، دۈشمەنلىرىمىز بولغان خاماس، ختاي، […]
7-ئۆكتەبىر بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر شەنبە سەھەردە، تىرورلۇق تەشكىلات خاماس ئسرائىلىيەگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇدىن ھۇجۇم قىلىپ، يۈزلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خاماس يەنە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئەسرگە ئالغان بولۇپ، ئاياللارنى يالىڭاچلاپ، ماشنىدا سۆرەپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ماڭغان كۆرۈنۈش ياۋايىلىقتۇر ۋە ئنسانىيلىققا خىلاپتۇر. يىللاردىن بىرى خاماس-ئىران، […]
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئېتتپاقى بىردەك قارار ماقۇللاپ، «ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنا قارا باغدىكى ئېىتنىك ئەرمەنلەرگە قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»،« ئەزەربەيجاننىڭ قىلمىشى-ئىتنىك تازىلاش » دەپ ئەيىپلىدى. 19-سىنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان ئارمىيسى قارا باغدىكى ئەرمەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى ھەربى ھەرىكەت ئىلىپ بىرىپ، بىر كۈن ئىچىدە رايوندىكى ئەرمەن ھەربى كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغان.نەتىجىدە 100 مىڭدىن […]
مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت. بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە دىنىمىزنىلا چىڭ تۇتۇپ، ئۆيىدە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بالا تەربىيەلىسە، تۇڭگان تەربىيەلىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.بىزنىڭ بىرلا مىللىي كىملىكىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلۇق، مۇھاجىرەتتە بىرلا ماكانىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئۆيىدۇر.مۇھاجىرەتتە بىر ئۇيغۇر ئۆيىمىز بولسا دەپ قىلىنغان تىرىشچانلىقلار كۆپ بولدى. بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئۆيى ئېلىش ئۈچۈن […]
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىچكى ئشلار منستىرى يەرلىكايا ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ئىچكى ئشلار منسترلىكى بىناسى ئالدىدىكى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسنىڭ «تىرورلۇق ۋەقەسى»ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. سەھەر سائەت 9:00 لاردا، ئەنقەرەگە جايلاشقان ئىچكى ئشلار منسترلىكى ئالدىدا ئىككى تىرورچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى مۇھاپىزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن بېتچىت قىلىنغان.بىر تېرورچى ئۆزىنى پارتىلاتقان، يەنە بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن […]
ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىم 2012-يىلى 2-فىۋرال كۈنى بولۇپ، ئۇ چاغدا بىز بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاتام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتى(Indiana University) غا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە بارماقچى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارماقچى ۋە ئۇ يەرلىشىۋالغۇچە […]
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ قورقۇش-جانلىقلارنىڭ تاشقى زەربىگە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ۋە ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىرەر ھادىسىنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىغاندا شەكىللىنىدىغان بىر تۈرلۈك روھىي ئىنكاس بولۇپ، ئۇ ئىزچىل داۋاملاشسا شۇ جانلىقتا بىر تۈرلۈك نورمالسىز پىسخىكىلىق ھادىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جانلىقتا ئۆزلىكىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان، تۇيۇقسىز قورقىدىغان، ئۆزى تەھدىت ھېس قىلغان شەيئى ياكى ھادىسىنى […]
0 1.كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش.چۈنكى ئاياللار 30ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ ئالماشتۇرۇشى قىيىن بولىدۇ. 2.ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش.مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ،يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرغۇدەك بىر ئىللىق ماكانىڭىز بولۇشى كېرەك. 3.ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش.ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەش 30ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. 4.تېرىنى ياخشى ئاسىراش كېرەك.يىللار ئادەمگە باقمايدۇ.ياشلىق […]
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 25-سىنتەبىر 2023-يىلى 21-سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا جايلاشقان ختاي دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە ختاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا چاقىرىدىغان تەشكىلات دۈيخۋا (دىئالوگ)تەشكىلاتى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئالىم ۋە تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ختاي ئەمەلدارلىرىدىن ئېرشكەن ئۇچۇر ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. […]
ئابدۇۋەلى ئايۇپقا تىلشۇناسلىق خىزمىتى ۋە تىل قوغداش ھەرىكىتى سەۋەبلىك بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇكاپات-2023-يىللىق لىنگاپاكس- بىرىلىپتۇ. ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈندۈم. ئابدۇۋەلى ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ختاي جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ساھەسىدە يەككە ۋە كوللىكتىپ ھالدا ئەڭ ئۈنۈملۈك كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزى […]
ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2023-يىللىق لىنگاپاكىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛27-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26-سېنتەبر كۈنى دۇنيادىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە تىل پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات-لىنگاپاكس (Linguapax International) بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بىز ياۋروپا ئانا تىل كۈنىنى بىر قالتىس خوش خەۋەر بىلەن تەبرىكلەيمىز،2023-يىللىق خەلقئارا لىنگاپاكس مۇكاپاتىنىڭ ئۇتقۇچىسى- ئۇيغۇر تىلشۇناس، پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇۋەلى […]
ئەردەم، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-سىنتەبىر سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيە ئايفۇن 12 نەشىرىنىڭ رادىئاكسىيەسى ئۆلچەمدىن زىيادە ئارتۇق ئىكەنلىكى بايقالغاندىن كىيىن، ئايفۇن 12 نەشرىنىڭ فىرانسىيەدە سېتىلىشىنى چەكلىگەن ۋە ئالما شىركىتىدىن 2 ھەپتە ئىچىدە چۈشەنچە بىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىلگىيە، گوللاندىيە، گىرمانىيە قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇتىر خەۋەر ئاگىنتلىقىدا ئىيتىلىشىچە، فىرانسىيە تەييارلىغان […]
دوكتۇر راھىلە داۋۇت خانىم-ئۇيغۇر مەدەنىيتى، تىلى ۋە فولكلورىنى قوغداش، تەتقىقات قىلىش ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلغان تەتقىقاتچى ئالىمدۇر.2019-يىلى ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن ھازىرغىچە ئۇ ھەقتە چەتئەلدە ئۇيغۇرلار يتەرلىك پائالىيەتلەرنى قىلمىدى،كۈچلۈك تەشۋىقات خىزمتى قىلمىدى. قىزى يالغۇز قالدى. نۆۋەتتە راھىلە داۋۇت خانىم-مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىندى. گەرچە ئۇ سزنىڭ بىر تۇققىنىڭىز بولمىسمۇ،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن […]
تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-سىنتەبىر بۈگۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىنقى زاماندىكى «ئەڭ چوڭ چېرىكلىك ۋەقەسى» خەۋىرى بىلەن ئالدىراش بولدى،داڭلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى،يېڭى جىرسى شتاتىدىن كەلگەن ، دىموكراتلار پارتيسى ۋەكىلى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى باشلىقى بوب مەنەندەز ( Bob Menendez)-ئامېرىكا ئەدلىيە منتسرلىكى جەنۇبى رايون تەپتىش تەرىپىدىن پارا ئىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى. […]
تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-سىنتەبىر ئامېرىكىغا جايلاشقان، ئنسان ھەقلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىئالوگ تەشكىلاتى (ختايچە دۈيخۇۋا ) بۈگۈن ئىلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئۇيغۇر ئالىم، «شنجاڭ»ئۇنېۋېرستىتى پىروففىسورى راھىلە داۇۋت خانىمغا « دۆلەتنى پارچىلاش جىنايتى » تۆھمىتى بىلەن مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئۇچۇرنى« ھۆكۈمەت ئەمەلدارى»نىڭ […]
ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي بىزنى قىرىپ يوقىتالمايدۇ، قىيناپ كىملىكىمىزدىن تانغۇزالمايدۇ. ئۇيغۇر خىتايدا ئېزىلىپ، خىتاي زىندانىدا قىرىلىپ ئەمەس، دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن خىتاينىڭ زۇلمىغا تىزلىنىپ، خىتايغا تىلىنىپ، يېلىنىپ، تۇز پۈكۈپ يوقۇلۇپ كېتىدۇ. خىتاي بىزنىڭ تېنىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىزگە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەيۋاتىدۇ، بىزنى تىلىمىزدىن، ئەجدادىمىزدىن، زېمىنىمىزدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ھالقىلىق […]
ئۇيغۇرىئان، 21-سىنتەبىر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ختاي كومپارتىيسىي بىلەن رىقابەتلىشش ئالاھىدە كومېتىتى رەئىسى مايىك گاللاگىر ئامېرىكا تاشقى ئشلار منستىرى بىلىنكىن ۋە دۆلەت بېخەتەرلىك منستىرى مايوركاسقا خەت يېزىپ، ختاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىن سەۋەبلىك جازالاشقا چاقىردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دىدى: «ختاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق چوقۇم جازاغا تارتىلىشى […]
يارۇق، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-سىنتەبىر ئىستانبۇل ج خ تارماقلىرى بۈگۈن، يەنى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسى سافاكۆي رايۇنى فەۋزى چاقماق مەھەللىسدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە تۆت جاننى تۇتۇپ كەتكەن.نەخمەيدانغا شاھىت بولغان قوشنىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 ئەتراپىدا قارا كىيىم كىيگەن قوراللىق ساقچىلار بىناغا ناھايتى قوپال ۋە ھەيۋەت بىلەن بېسىپ […]
كانادانىڭ ۋەنكوۋېر شەھرىدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم 2023-يىلى 18-سىنتەبىر ۋاپات بولدى. مەرھۇمە ھەكىمە خانىم مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ۋە مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن. 1980-يىللاردا كروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىنى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان ۋە شۇ چاغدا بۇ كىتاب ۋەتەن ئىچىدە زور تەسىرگە ئېگە بولغان. […]