كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىشكە ھىچقانداق پىدائىي تېزىملاتمىدى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-نويابىر

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇنىڭدىن 6 كۈن بۇرۇن ئامېرىكىغا كىلىۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمە خىزمىتى ئۈچۈن پىدائى قوبۇل قىلىش ئ‍ىلانى چىقارغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئ‍ىلان چىقىرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئ‍سلام مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمە پىدائىيلىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى جەزىملەشتۈرگەنىدى.

ئەمما ھازىرغا قەدەر بىرمۇ پىدائى بۇ خىزمەتكە تېزىملاتمىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پەقەت ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدىلا قوبۇل قىلغان كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار ياردەم تەلىۋى 30 دىن ئاشىدۇ، باشقا ئورگانلار قوبۇل قىلغان سان تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇلار ئىچىدە چىگرادا تۇتۇلۇپ، ھازىر تۈرمىدە تۇرىۋاتقانلار، ئادوۋكات ئىزدەۋاتقانلار، ئۆي ياكى خىزمەت قىينچىلىقى بارلار بار. بۇلارغا ياردەم بىرىدىغان ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەر يېتىشمەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاممىۋى ئ‍شلارغا مەسئۇل پىدائ‍ىسى ئەركىنجان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: « ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى پەقەت ئاخبارات خىزمىتى نۇقتسدىن يول كۆرستىشى مۇمكىن، ياكى ياردەم قىلالايدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە تونۇشتۇرالىشى مۇمكىن، بىز ھەتتا تەلەپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشقىمۇ يېتىشپ بولالمايمىز، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش، تەرجىمە قىلىشقا ئەسلا يتېشەلمەيمىز. بىر ئادەمنىڭ مەسلىسنى ھەل قىلىش ئ‍ۈچۈنمۇ مەخسۇس بىر ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىشى، تەرجىمە قىلىشى، ياردەم قىلالايدىغانلارنى ئىزدەپ، چۈشەندۈرۈشى، ئەگەر قارشى تەرەپ قايىل بولسا، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشى كىرەك.بۇلارنىڭ ھەممىسگە ئادەم كىرەك، ۋاقىت كىرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:« ھازىر نۇرغۇن كىشلەر ھايات بېسمى بىلەن ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشلەر قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيدۇ، ياردەم قىلغۇسى بارلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى كەلگەن كۆچمەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاسسپ گەپ تارقالسا، كىشلەرنىڭ ياردەم قىلغۇسى كەلمەيدۇ، شۇڭا ئىجابى سۆزلەش كىرەك.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇنداق دىدى: «تۈنۈگۈن ئوتتۇرا ئاسيادىن كىلىپ، ئامېرىكا-مېكسكا چېگىرسدىن كىرگەن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئارىزونادا تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئاتا-ئانىسى ئالاقە قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش، سۈرۈشتۈرۈش ئ‍شلىرىنى قىلىۋاتىمەن، ئەمما مەن ئادوۋكات ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارسى خادىمىمۇ ئەمەس، بۇ ئ‍شلارنى پەقەت ئ‍شتىن سرت ۋاقىتتا قىلالايمەن، ئەتراپىمىزدا ھىچبولمىسا، تەرجىمە ئ‍شلىرىغا، ئالاقە ئ‍شلىرىغا بىزدىن ھەق سورىماي سەمىمى پىدائى بولىدىغان كىشلەر كۈندە بىر -ئىككى سائەت ۋاقتىنى چىقارغان بولسا، نۇرغۇن مەسللەرنى ھەل قىلىۋالغان بولاتتۇق.مۇساپىرلىرىمىز ياردەمگە ئېرشكەن بولاتتى.»

ئامېرىكىدىن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئەخمەتجان مۇنداق دىدى:

«ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا، مىللەتنىڭ خىزمەتلىرى ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش، پاسسپلىق مەۋجۇت. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، سياسى خىزمەتلەرنىڭ كەسپلىشپ، ھۆكۈمەتلەر قوللىغان تەشكىلاتلارغا مەركەزلىشپ قىلىشى، جامائەتنىڭ ھەقىقى-ئ‍ېھىتياجىغا ئائىت ئاددى ئەمما مۇھىم ئ‍شلارغا مىدىيالاردا ئورۇن بىرىلمەسلىكى، كىشلەرنىڭ ئاسان تونۇلىدىغان، كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئ‍شلارنى ئاساس قىلىپ، خەلقنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان ئ‍شلارنى قىلىشنى خالىماسلىقىمۇ سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن.»

ئامېرىكىدا ھەر قايسى شتاتلاردا تۈرلۈك دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە مەخسۇس ياردەم بىرىدىغان تەشكىلات-ئورۇنلىرى كۆپلەپ قۇرۇلغان بولۇپ،ئاممىۋى ئالاقە، تەشۋىقات ئ‍شلىرى، ئ‍ۇچۇر ئالماشتۇرۇش رەسمى كۆلەملەشكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا: ئەردوغان مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنى خاتىرىلەش پائالىيتىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۈ نويابىر 10 , 2023
تەييارلىغۇچى:ئەركىن ئەردوغان بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەش كۈنىدە سوسيال مېدىيادا مۇنداق دىدى: «مىللى كۆرەش قەھرىمانى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ مەڭگۈلۈككە ئىرتىھال ئەتكەنلىكىنىڭ 85-يىل خاتىرسىدا رەھمەت بىلەن ياد ئېتىمەن.» ئەردوغان يەنە مۇستافا كامال ۋاپاتىنىڭ خاتىرلەش مۇراسمىدا مۇنداق سۆزلىدى: تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى […]
مۇستاپا كمال

You May Like