Home » ئ‍سرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئ‍ۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8000 گە يەتتى، ئارسىدا 3000 كېچىك بالىلار بار

ئ‍سرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئ‍ۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8000 گە يەتتى، ئارسىدا 3000 كېچىك بالىلار بار

by uyghurtimesuyghur
پەلەستىن

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئۆكتەبىر

گازادىكى پەلەستىن سەھىيە مىنستىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىرگىچە ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئ‍ۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8000 گە يەتكەن.بۇلارنىڭ ئ‍ىچىدە 3000 كىچىك بالا بار.

ئ‍سرائىلىيە ئارمىيسى 29-ئۆكتەبىر گازاغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. ئ‍سرائىلىيە ھاماسنى يوقاتمىغۇچە توختىمايمىز دەپ ئىلان قىلدى.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىمى كۆپەيگەنسرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئ‍سرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق كۈچىيىپ ماڭماقتا.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاكدىنقى كۈنى كۆپ سانلىق قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى.دۇنيانيڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئەڭ كۆپ نامايىش ئىلىپ بىرىلغان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيە پىرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان« ئ‍سرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايەتچسى دەپ ئىلان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز»دىدى.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment