ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇربان ۋاپات بولدى

ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇربان ۋاپات بولدى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-ئاۋغۇست

ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى، رىياسەتچى، تونۇلغان ئاكتيور تۇرغۇن قۇربان ئەپەندى شۇ جاي ۋاقتى 2021-يىلى 9-ئاۋغۇست 22دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن 53 يېشىدا ۋاپات بولغان (ۋەتەندىن كەلگەن ئۇچۇر مەنبەلىرىدە بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاۋغۇست 00دىن 15ئۆتكەندە دەپ ئېلىنغان). ئۇچۇرلاردا مەرھۇمنىڭ قانداق كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلمىگەن. 

مەرھۇم تۇرغۇن قۇربان ئەپەندى كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇن ئۆلمەس ئوبرازلارنى ياراتقان بولۇپ، بۇلاردىن كەڭ خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئوبرازلاردىن چىڭگىزخان، ۋاڭ تۈتۈن بېگى قاتارلىقلار بار. جانابى ئاللادىن مەرھۇمغا فېردەۋۇس جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاناتولىيە سەپىرى داۋاملاشماقتا

دۈ ئاۋغۇست 9 , 2021
لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاناتولىيە سەپىرى داۋاملاشماقتا

You May Like