ختاي ئۇزۇندىن بىرى- ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەشۋىقات قورالى، دىپلوماتىيە ۋاستىسى، ئېقتسادى تەدبىر سۈپىتىدە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئشلىتىپ، كەلمەكتە
7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى» 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 17 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت كۆپ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ختاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت-تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا كۆزىنى بوياش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ئۇيغۇرلارغا نسبەتەن دىققەتنى بۇراش ئۈچۈنمۇ ئشلىتىدۇ
ئاساسىي مەيدان ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ، قاراماي، قومۇل ۋە ئارالدىمۇ كۆرگەزمە بولىدۇ. «ئۇسسۇل ئوينايلى» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بايرامدا سەككىز دۆلەت ۋە يۇرت ئىچىدىن كەلگەن 24 سەنئەت ئۆمىكى تاماشىبىنلارغا 52 مەيدان ئالاھىدە سەھنە سەنئىتى نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدىكەن.