ئاق ساراي: خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەيلى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى كەۋىن خاسەت (Kevin Hassett) دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزاسى – خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇست ئەمەسلىكىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئېرا خەۋەر تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 21-نويابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نەفىسە

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-23

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى كەۋىن خاسەت (Kevin Hassett) دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزاسى – خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇست ئەمەسلىكىنى،  دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 ئىرا تورى مۇخبىرى شۈجىيەن ئۇنۋېرسال خەۋىرى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدۇر. ئامېرىكا پرەزىدەنتى تىرامپنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى خىتاي كومپارتىيىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى بىر ھەل قىلىش لايىھەسى دەپ ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئاق ساراي ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى: خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتەيلى

ئەنگلىيە خەۋەر شىركىتى11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا پرەزىدەنتى ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى كەۋىن خاسەت (Kevin Hassett) نىڭ دۇنيا سودا تەشكىلات ئەزاسى- خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدە تۈزۈملىرىنىڭ ئامرىكىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا سودا تەشكىلاتى مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ  لايىھەسى:  قوش تەرەپلىك سۆھبەت قىلىش؛  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش؛ خىتاي كومپارتىيىسىنى دەرھال دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىشكىمۇ بىر ھەل قىلىش لايىھەسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولىدىكەن

خاسەت(Kevin Hassett): دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن بىر دۆلەتنىڭ خىتايدەك ئىش قىلىشىنى ئەزەلدىن تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ئىش-ھەرىكىتى دۇرۇست بولمىغان بۇنداق بىر ئەزانىڭ بولىشى ھەقىقەتەن تۇنجى قىتىملىق ئىشتۇر، دېدى.

بۇ خاسەتنىڭ ئاشكارا سورۇندا «خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋىتىش» پىكىرىنى ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 8-ئايدا زىيارەت قىلىنغاندا، ئەگەر خىتاي باشقا دۆلەتلەر قائىدىگە بويسۇنغاندەك بويسۇنمىسا، ئۇنى يەنە نىمىشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرغۇزىمىز؟» دىگەنىدى.

 ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايسىزىر(Robert Lighthizer): «ئەينى يىلى ئامرېكىنىڭ خىتايغا ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا يەنىلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە يول قويىشى خاتا قارار بولغان» دېدى.

ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدە تۈزۈملىرىنىڭ زىينىغا ئۇچرىدى

خاسەت دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى. ئەمما ئامېرىكىنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچراتتى. مەسىلەن: ئامېرىكا گەرچە دۇنيا سودا تەشكىلاتى دېلوسىدا يەڭسىمۇ، لېكىن دېلو بىر تەرەپ بولۇشقا بەش-ئالتە يىل كەتكەچكە، زىيانغا كىرىپ قالدى، دېدى.

ئۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىگە بويسۇنمىغان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. جازا شۇنچىلىك يىنىك بولغاچقا، بەزى دۆلەتلەر ھەتتا جازالىنىشقا رازى، دېدى.

پرەزىدەنت تىرامپنىڭ سودا سىياسىتى «ناھايىتى ئۈنۈملۈك»  

خاسەت پرەزىدەنت تىرامپنىڭ خەلقئارا سودىدىكى قاتتىق ئىستىراتىگىيىسىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، « بۇ ئىستىراتىگىيەنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئۇ مىسال ئىلىپ ئامېرىكا بارلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن دېگۈدەك قوش تەرەپلىك سۆھبەتلەشتى، « بۇ بىر زور ئىلگىرىلەش» دېدى.

 ئۇ يەنە پرەزىدەنت تىرامپ ھەربىر دۆلەتنىڭ ئەركىن سودىلاشقىنىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئامرىكا سودا-بېجى توسۇقىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەنلىكىنى بايقىدى. ئامرېكىنىڭ ئالدىنىقى تۆت قېتىملىق پرەزىدەنتلىرى بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولۇشقانىدى، دېدى.

خاسەت «خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكىلىقلارغا پايدىسز»دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي سودىگەرلىرى تاموژنا بېجىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاساسىي تەرەپتۇر، بۇ خىتايغا زور بىسىم پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

خاسەت تىرامپنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە قىستايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پرەزىدەنت تىرامپنىڭ شى جىن پىڭ بىلەن ئۆتكۈزىلىشى ئالدىدىكى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ھوسۇللۇق سۆھبەت ئىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە: http://www.epochtimes.com/gb/18/11/21/n10865909.htm

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى خۇا ۋېينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە دەۋەت قىلدى

جۈ نويابىر 23 , 2018
ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە تور بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى خىتاينىڭ خۇا ۋېي تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە قايىل قىلىش ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

You May Like