ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 10-ئىيۇل
2025-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېستېردام شەھەرلىك كېڭىشى شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللاش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.
گوللاندىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەرنىڭ بىرى دەنك پارتىيسى، تولۇق نامى (Political Movement Denk) سىياسى ھەرىكەت پارتىيسى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن مۇزاكىرىگە قويۇلغان شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللىنىش لايىھەسى شەھەرلىك كېڭەشتە ماقۇللانغان.
مەزكۇر لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشى توغرىسىدا گوللاندىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان مۇستەقىل پائالىيەتچى ئابدۇرىھىم غەنى ئۇيغۇر توردا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر لايىھەنى قوللاپ شەھەرلىك كېڭەشكە خەت يېزىشقا چاقىرىق قىلغان.
مەزكۇر لايىھە ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇ «ئامېستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدىن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمەتكە بىر ئوق ئېتىلدى» دەپ تەبرىكلىدى.
سىياسى ھەرىكەت پارتىيسى – تۇناھان كۇزۇ ۋە سەلچۇق ئۆزتۈرك (Tunahan Kuzu and Selçuk Öztürk) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن 2015-يىلى فېۋرالدا قۇرۇلغان.
ئۇلار 2014-يىلى نويابىردا ئەسلى لىبېرال پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەرگە قارىتا سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ پارتىيەدىن ئايرىلغان. دەنك پارتىيسى – گوللاندىيەدىكى تۈرك، ئافرىقانلار، موروككۇلۇقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئاساسىي سىياسەت قىلغان. مەزكۇر پارتىيە گەرچە دەسلەپتە مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان بولمىغان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان.