ئامېرىكدىكى ئەڭ چوڭ ھۈججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ھۈججەتلىك فىلىم قويۇلدى

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-نويابىر

8-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ھۈججەتلىك فىلىم فېستىۋالى ( DOC NYC)دا، ئۇيغۇر يازغۇچى ئ‍ابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھايات ھېكايىسى ئاساسىدا ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يورۇتۇپ بىرىلگەن «نېقاپ ئارقىسدا »  (Behind the Mask)ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلغان.

مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىم – رىژىسور خاۋدرد باستنىس (haavardbustnes )تەرىپىدىن رىژىسورلۇق قىلىنغان بولۇپ، فىلىم تونۇشتۇرۇلۇشىغا مۇنداق يېزىلغان: «ئامان قالغۇچى ئابدۇەلى ختاينىڭ لاگىرلىرىدىن قېچىپ نورۋىگىيەگە كىلىدۇ.ئۇ  گىرمانىيەگە ئۇنى ئازاپلىغۇچى بىلەن كۆرۈشۈش يولىدا، ئۇنىڭ قېزىنىڭ قورقۇنچ ئازابى ئۇنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ياكى ئائىلىسنى ئازاپلىق ئەسلىمىلەردىن قوغداپ قىلىش؛»

مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت ئىمىن دوكتۇر مۇنداق يازغان: «فىلىم ناھايتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ. ئۇ فىلىمنىڭ بۇ يەرمەنكىدىدە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىنى ۋە پۈتۈن دۇنيا كۆرۈرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق دىگەن: «مەزكۇر فىلىم-ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قسقا ھۈججەتلىك فىلىمدۇر. فىلىمدە لاگىرلارنىڭ قانداقلىقى، مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى ھاياتى، سوراق ۋە ئازاپلارنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، مىنىڭ ختاي تۈرمە مۇھاپىزەتچىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشۇم ئاساسدا يورۇتۇپ بىرىلىدۇ. شۇنداقلا دىئاسفورادىكى ئ‍ۇيغۇر ئائىلىلىرى  مەزكۇر قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن دۇچ كىلىۋاتقان تۈرلۈك مەسللەر، ئۇلارنىڭ قانداق تاقابىل تۇرىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بىرىلىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىلىۋىلىڭ: ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى (Asia-Pacific Economic Cooperation (APEC ) قانداق يېغىن؟بۇ يىل نىمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟

چا نويابىر 15 , 2023
تەييارلىغۇچى: ئافراسياپ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نۆۋەتتە، ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن دۇنيانىڭ ئاسيا تىچ ئوكيان رايونىدىن كەلگەن 21 دۆلەت رەھبىرىنى ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى كالىفورنيە شتاتى تەرەققىيات شەھىرى ھسابلانغان سان فىرانسكو شەھىرىدە كۈتۈۋالىدۇ. يېغىن داۋامىدا، ساھىپخان جوۋ بايدىن شى جىن پىڭ بىلەن قوشۇمچە يېغىن سۆھبىتى (Side Line Meeting )ئۇچرىششدا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئاسيا تىچ ئوكيان […]
Apec

You May Like