خىتاي بىزنى قانداق يوقۇتىدۇ؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

خىتاي بىزنى قىرىپ يوقىتالمايدۇ، قىيناپ كىملىكىمىزدىن تانغۇزالمايدۇ. ئۇيغۇر خىتايدا ئېزىلىپ، خىتاي زىندانىدا قىرىلىپ ئەمەس، دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن خىتاينىڭ زۇلمىغا تىزلىنىپ، خىتايغا تىلىنىپ، يېلىنىپ، تۇز پۈكۈپ يوقۇلۇپ كېتىدۇ.

خىتاي بىزنىڭ تېنىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىزگە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەيۋاتىدۇ، بىزنى تىلىمىزدىن، ئەجدادىمىزدىن، زېمىنىمىزدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. خىتاي ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى ئەل قىلىپ بولغانغا ئىشەنچ قىلدى. ئەمدى خىتاينىڭ زەھەرلىك قولى مۇھاجىرەتكە سۇنۇلدى.

خىتاي نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكىلەرنى پارچىلاش، ئۆزىگە تەلمۈرتۈش، قورقۇنچ بىلەن بويسۇندۇرۇش، نەپ بىلەن ئېرىتىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

قىرغىنچىلىق قايسى شەكىلدە بولسۇن توختىمايدۇ، ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ، ئەمما بۇ قىرغىنچلىق ئىرقىمىزنى يوقىتالمايدۇ.

بىزنى يوقۇتىدىغان ئامىل قىرغىنچىلىق ئەمەس، خىتايغا ئوخشاپ قېلىشتۇر. خىتاي يوق يەردە خىتاينىڭ يېمىنى ئىزدەپ يەپ يۈرۈش، خىتاي يوق ئەركىن دۇنيادا خىتاي قورقۇنچىغا قۇل بۇلۇپ يۈرۈش، خىتاي تەلەپ قىلمىسىمۇ ئەلچىخانالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈرۈپ يۈرۈش بىزنى خىتايغا ئوخشىتىپ قويىدۇ، خىتايلىق دېڭىزىدا بەربات قىلىدۇ.

خىتاي يوق مۇھاجىرەت ھاياتىدىمۇ ئەلچىخانالارنى ئەسلەپ تۇرۇش، يېقىن يەردىكى خىتاي ماگزېنى، خىتاي مېلى، خىتاي مەھەللىسىنى يوقلاپ تۇرۇش، بىزنى قىرغىنچىلىق يوق يەردىمۇ خىتايلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق بولغاندەك خىتايغا، خىتاينىڭ يالىقىغا، يۈندىسىگە، ئەخلەتلىرىگە دۈم چۈشۈش بىزنى خىتايغا بارماي تۇرۇپ جىسمى ئۇيغۇر، روھى خىتايلاردىن قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق خۇي بىزنى قىرغىنچىلىقسىز يوقۇتۇپ تاشلايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قايغۇلۇق خەۋەر: ئۇيغۇر پروففىسور راھىلە داۋۇت مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پە سېنتەبىر 21 , 2023
تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-سىنتەبىر ئامېرىكىغا جايلاشقان، ئ‍نسان ھەقلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىئالوگ تەشكىلاتى (ختايچە دۈيخۇۋا ) بۈگۈن ئىلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئۇيغۇر ئالىم، «شنجاڭ»ئۇنېۋېرستىتى پىروففىسورى راھىلە داۇۋت خانىمغا « دۆلەتنى پارچىلاش جىنايتى » تۆھمىتى بىلەن مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئۇچۇرنى« ھۆكۈمەت ئەمەلدارى»نىڭ […]
راھىلە داۋۇت -Rahila Dawut

You May Like