رېيتېر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 10- نويابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 10- نويابىر
10- نويابىر رېيتېر ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىن مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكىنىڭ يەنە 4 نەپەر خوڭكوڭ ئەمەلدارىنى جازالىغىنىغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىشقا ئالاقىدار ھەرىكەتلىرى خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنى بۇ جازانى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنى جازالاش تىزىملىكىنى كۆپەيتىپ، يەنە خىتاي ئىچى ۋە خوڭكوڭدىكى 4 ئەمەلدارنى جازالىغان. خوڭكوڭ مۇۋەققەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ جيەنزوڭ ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىپ، ئىچكى سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىش قىلمىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ۋە يولسىز»، «ۋەھشىيلىك» كە يېقىن قىلمىش دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى يېڭىدىن جازالىغان 4 كىشى بولسا: خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ جوڭخۇا، مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لى جياڭجۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى ليۇ سىخۈي ۋە ساقچى باشقارمىسى دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ساقچىسى لى گۈيخۇا قاتارلىقلار.
مەنبە: https://cn.reuters.com/article/china-sanctions-usa-hk-1110-tues-idCNKBS27Q0WH