ئامېرىكا تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى رەئىسى تۈركىيەنىڭ خىتايغا ياردەملەشكەنلىكىنى «نومۇسسزلىق » دەپ ئەيىپلىدى

تۈركىيەنىڭ ختتاينىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنى مەخپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ

 

20-ماي،  ۋاشنگىتون

 

تۈركىيەنىڭ ختتاينىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنى مەخپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا  خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.ئارقىدىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى رەئىسى جىم رىچ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قانداق تەنقىد قىلدى! ئۇ بۈگۈن تېۋىتردىكى رەسمى ئورگان ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

 

«تۈركىيەنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشغا ياردەم قىلىشى- نومۇسسزلىقتۇر. دۆلەتلەر خىتاي كوممۇنستىك پارتىيسدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنى جازالىماسلىقى ياكى مەجبۇرى قايتۇرماسلىقى كېرەك. بۇ قانۇنسزلىقلارغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سياسى ھەرىكىتى قانۇنىنى دەرھال ماقۇللىشى كېرەك!»

 

https://twitter.com/senateforeign/status/1263265796366774273?s=12

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»يولغا قويماقچى

جۈ ماي 22 , 2020
خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويماقچى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم»دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.

You May Like