ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10- نويابىر
تەيۋەن يەرلىك ئاخبارات قاناللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 9-نويابىر كەچ سائەت 6 دە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە C-40A توشۇغۇچى ئايروپىلانى تەيۋەن «سۇڭشەن» ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قونغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نامىدىن ئىشلىتىشكە تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، 9- نويابىر فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدىن تەيۋەنگە قاراپ ئۇچقان.
مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋام، كېڭەش ئىككى پالاتانىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارەت ھەققىدىكى سورالغان سوئاللىرىغا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز پەقەتلا زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۆتەپ بېرىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي ئىشلىرىغا ياردەمدە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئەمما تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. تەيۋەن Storm Media Group نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر زىيارەت ئامېرىكا -تەيۋەن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى مۇۋاپىق ۋاقتى كەلگەندە سىرتقا ئاشكارىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
10-نويابىر چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى «تەۋەككۈلچىلىككە تولغان ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ سۆزىدە: « بۇ قىلمىش «بىر خىتاي سىياسىتى» شۇنداقلا » ئامېرىكا- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك بىرلەشمە باياناتى» غا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى قىلغانلىق، خىتاي تەرەپ بۇ قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپكە نارازىلىق ئەرزىمىزنى سۇندۇق، بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى رەسمىي يوسۇندىكى مۇناسىۋەتلىرىنى دەرھال ئۈزۈشنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە خاتا بولغان ئۇچۇرلارنى بېرىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئۇ يەنە تەھدىت بىلەن مۇنداق دېگەن: « خىتاي تەرەپ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ يېتىشكە چاقىرىدۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىق ئوت بىلەن ئويناشقانلىقتۇر. ئوت بىلەن ئويناشقاندا ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش مۇمكىن. خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىش ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە قارشى چىقىپ تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.»
تەييارلىغۇچى: ئارمان