ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىغا زور تۈركۈمدە مۇساپىرلار يىغىلدى

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇساپىرلار بېسىلغان، كونىراپ كەتكەن بەش ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ سان ديېگو بىلەن مېكسىكا چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ جايدىكى چېگرىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇساپىرلار بېسىلغان، كونىراپ كەتكەن بەش ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ سان ديېگو بىلەن مېكسىكا چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ جايدىكى چېگرىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان. سۈرەتتە، مۇساپىرلار چېگرا تېمى ئالدىدا يىغىلدى. بەزىلەر ھەتتا تامنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك گوندۇراس، گىۋاتېمالا، سالۋادور قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار ھەتتا، يەنە ھامىلدارلارمۇ بار. تۈن نىسپى بولغاندا داق يەردىلا ياتتى. سۈرەتتىكى بۇ قىزچاق چېگرا تېمى تەرەپكە قاراپ، نامەلۇم تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ئىدى. ئانىسىنىڭ يېنىدا ياتقان بۇ بالا ئاللىبۇرۇنلا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. بىلمىدۇق، ئۇ چۈشىدە بولسىمۇ دەرد-ئەلەمدىن يىراقلاشتىمۇ يوق؟ ئامېرىكا  تاموژنىسى بىلەن چېگرا مۇداپىيە ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، چېگرا يولىدا ۋاقتىنچە 300 مۇساپىرنى سىغدۇرالايدىكەن. سۈرەتتە، زور تۈركۈمدىكى مۇساپىرلار بۇ يەردە يىغىلىپ، تەلەينىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. بۇ مۇساپىرلار دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق بىر ئايدىن ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئامېرىكىغا كىرەلەمدۇ-يوق، بۇمۇ بىر مەسىلە. ئۇلار ئامېرىكىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. كۆچمەنلەر توپىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ؟ كىچىككىنە ئۈمىدكە قارىتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن قايغۇ-ئازاپ ۋە ياش تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بۇ مۇساپىرلار مۇشۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، نۆۋەتلىشىپ ئىسمېنادا تۇرۇپ، تاكى بارلىق كىشىلەر پاناھلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشى كۆڭلىدە سان بولماسلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئۇلارمۇ بۇ كۈنلەرنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىر كىچىك بالا كىيىملىرى بىلەنلا ئۇخلىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزاق كۈتكەن كۈنلەر، بىراق ھېچ بولمىسىمۇ ئۈمىد بار. ئانىسى يۈدۈۋالغان بالا، تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن نامەلۇم بىر ھادىسە. بالىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ئايال يېشىنى سۈرتمەكتە. ئۇ مۇشۇ تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتى-ھە. بۇنداق بولغاندا، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولغان بولاتتى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئ‍امېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ

سە ماي 1 , 2018
امېرىكا ئاقسارىيى 30-ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، مېكسىكا، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن ئېلىنىدىغان پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئالاقىدار سۆھبەت ئۈچۈن داۋاملىق ۋاقىت قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

You May Like