ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تەييارلىغۇچى ئەكرەم
ئامېرىكا «دۆلەتلىك ئوبزور» ژۇرنىلى مايكىل بىرەنان ( MICHAEL BRENDAN DOUGHERTY )ئاپتورلۇقىدىكى ماقالىدا، يېقىندا پۇل-مۇئامىلە گېزىتى ئىلان قىلغان ختاينىڭ مەسجىدلەرنى كەڭ-كۆلەمدە ۋەيران قىلىشى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ مۇنداق دىگەن:
«ختاي ھۆكۈمىتى-خەنزۇ كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرسە،.. باستۇرمىچى تەربىيلەش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ زور ساندا ئۇيغۇرلارنى سولىسا، نازارەت ئاستىغا ئالسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قسرلاشتۇرسا، ختايلاشتۇرۇشنى دۆلەت سياسىتىگە ئايلاندۇرسا، ياۋروپالىقلار ياكى مۇسۇلمان دۇنياسى «قەشقەر دەرياسغا ئەركىنلىك »دەپ توۋلىمايدۇ.ئەرەب كوچىلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت نامايشى ئىلىپ بىرىلمايدۇ.ئەلجەزىرە توختىماي خەۋەر ۋە باياناتلانى ئىلان قىلمايدۇ.»
ماقالە ئادېرسى: