«ئائىلىمىزنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغىچە بۇ يولدىن يانمايمىز.»

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بۈگۈن بەشىنچى كۈنگە قەدەم قويدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 24- دېكابىر

 

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بۈگۈن بەشىنچى كۈنگە قەدەم قويدى.

 

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان جەۋلان شىر مۇھەممەت ھەرقايسى مۇخبىرلار ۋە ھال سوراپ كەلگەن تۈرك قېرىنداشلارنىڭ «پائالىيەتنى قاچانغىچە داۋام قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغان سوئاللىرىغا: «ئائىلىمىزدىكىلەر ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر بۇ يولىمىزدىن يانمايمىز.» دەپ جاۋاب بەردى.

 

 ئى پارتىيە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چوكاي ئاجار ئەپەندى ھال سوراپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيەگە ۋاكالەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھىسداشلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈدا پارتىيەسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى  ئەردال ئەپەندى پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل خانىملار بىلەن بىرلىكتە زىيارەتكە كەلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان قېرىنداشلىق، دوسلۇق مېھرىنى يەتكۈزدى.

 

سوغۇق ھاۋادا پۈتۈن بىر كۈن تىك تۇرۇپ، پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلار يەنىلا شۇنچىلىك جۇشقۇن ۋە ئۈمىدۋار ئىدى. پەرزەنتلىك، قېرىنداشلىق، ھالال جۈپتىلۈك مېھىر – مۇھەببىتى بۇلارنى ئەنە شۇنداق قەيسەر ۋە چىدامچان قىلغان ئىدى.

 

دوكتور بورھان ئۇلۇغيول تور ئارقىلىق ئۆتىۋاتقان دەرىسىنى شۇ يەردە ئۆتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىرىگە تېلېفونلىرى بىلەن شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇپ قاتناشتى.

 

پائالىيەتكە ئىزچىل قاتنىشىۋاتقان ئانىلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆيدە يالغۇز قالدىغان باللىرىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماقلىرىنى تەييارلاپ، بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز پىداكارلىقىنى داۋاملىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

مۇسىبەت خەۋىرى: مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى نىمەتۇللاھ رەشىدى ۋاپات بولدى

يە دېكابىر 27 , 2020
مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر نىمەتۇللاھ رەشىدى بۈگۈن سەھەر سائەت 3 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولدى.
نېمەتۇللا رەشىدى

You May Like