ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ خاتىرە پائالىيتىدىكى 10 يارقىن نۇقتا

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىغا يېقىن فايىر فاكىس شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى،ئەدىب ،جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى،ئەدەبى ئىجادى ئەمگىكىنى قۇتلۇقلاش ئەدەبى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى.

ئاپتۇر: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2018-11-27

   

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىغا يېقىن فايىر فاكىس شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى،ئەدىب ،جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى،ئەدەبى ئىجادى ئەمگىكىنى قۇتلۇقلاش ئەدەبى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى.

رىياسەتچىلەر:تونۇلغان مۇخبىر ۋە رىياسەتچى گۇلچىھرە خوجا

ياپونىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچى،دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى.

ئابلىكىم باقى ئەپەندى يۇرەك-يۇرەكلەردىن ئىززەتلەندى!

سورۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئابلىكىم باقى ئەپەندى ۋە خانىمى دىلبەر خانىم ھۇرمەت ئالقىشلىرى بىلەن سورۇنغا كىرىپ كەلدى.پۇتۇن مىمھانلار ئورنىدىن تۇرۇپ،جۇشقۇن <<سالام دوسلار>>دىگەن ناخشغا جۆر بولۇپ،ئالقىشلارنى ياڭراتتى. سورۇنغا غەيرەت بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغان ئابلىكىم باقى ئەپەندى كۆزىگە ئسسىق ياش ئالدى.

(ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى)

ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە مىللى خىزمەتلىرى تەبرىكلەندى.

تەييارلانغان ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھايات مۇساپىسى،  ئەدەبى ئىجادىيەتلىرى، ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى، سياسى خىزمەتلىرى ، كەسپى مۇھەرىرلىك ئۇتۇقلىرى ئوخشمىغان كىشلەر تەرىپىدىن ئوخشمىغان نۇقىتلاردىن تونۇشتۇرۇلدى.مەخسۇس ئشلەنگەن ھۇججەتلىك فىلىم بىر ئىلىم ئەھلى،بىر ئىنقىلاپچى،بىر ئەدىب ،بىر ئەركىنلىك جەڭچسنىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

پۇتۇن ھاياتى مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئاقارتىش، ئاخباراتچىلىق ، ئەدەبىيات بىلەن ئۆتكەن ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسلاتلار كىشلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلى بىر دەرس بولدى.

سەرخىل نۇتۇقلار پائالىيەتنىڭ يارقىن نۇقتىسى:

<<ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى>>ۋەكىلى دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا <<ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىك ئىدىيسنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى رولى ،بۇگۇنكى دەۋر ئۇيغۇر ھاياتىدىكى قىمىمىتى>ھەققىدە  تۇتاملىق ئىلمى بايانلارنى تەقدىم ئەتتى.

ئۇ <<ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى>> ۋە ئۇنىڭ رولىنى تونۇشتۇردى.ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جاھالەت بىلەن مەرىپەتچىلىك ئوتتۇرسدىكى كۆرەشنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مىڭ يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،تارىختا قسمەن ئۈزۈپ قويغان ئىلىم -مەرىپەتچلىكنىڭ جامائەتكە يتەكچىلىك قىلىش ئۇچۇن زىيالىيلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتۇشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سىدىق ھاجى روزى ،رابىيە قادىر خانىم، ئىلشات ھەسەن، ھاجى قۇتلۇق قادىرى، قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى، ئەخمەتجان ئوسمان ، ئەنۋەر ئەپەندى ، نەبىجان تۇرسۇن،گىرمانىيەدىن ئەنۋەر ئەخمەت تۈركىيە ۋە گىرمانىيەدىن كەلگەن ئاخباراتچى كەسپداشلار ئۆزى بىلىدىغان ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ پەزىلىتى،ئش-ئىزلىرى ھەققىدە ئېسل ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

تۇرسۇن ستىۋالدى يۇرەكلەرنى ئەزدى:

گىرمانيەدىن كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئابلىكىم مۇئەللىم بىلەن بولغان ئۇستاز-شاگىېرتلىق رىشتىسى ۋە مىھرى-مۇھەببەتلىك مۇناسۋىتى ھەققىدە سۆزلىدى،ئۇ ئاتا-ئانىسدىن كېچىك قالغان بولۇپ،ئابلىكىم باقى ئەپەندى ئۇنى ئۆز پەرزەنتىدىن چارە كۆرۈپ،ئۇستازلىق،ئاتىلىق مىھرىنى بەرگەن .ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىگەن ئاددى ئەمما ئنسانى مىھىرى-مۇھەببەتكە تولغان ھېكايىلەر مىھمانلارنىڭ كۆزلىرىنى نەملىدى.ئۇ ئابلىكىم باقى ئەپەندىنى :<<ئادەمدەك ئادەم >>دەپ تەرىپلىدى.

ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر رولىدىكى ياشلارنىڭ دىكلاماتسيەسى

ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەرگە بېغشلانغان شېئىرلىرى ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەرنىڭ قىياپىتى بويىچە ياسانغان ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن دىكلاماتسيە قىلىندى،سەھنىگە مەھمۇد كاشغەرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ،ئاماننساخان،نۇزۇگۇم ،سادىر پالۋان،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،غەنى باتۇر،رىزۋانگۇل قاتارلىق نۆۋەت بويىچە چېقىپ شئېرلارنى دىكلاماتسيە قىلغاندا ،سورۇن ھاياجانغا چۆمۈلدى.

كەيپىيات قىزغىن ۋە ھاياجانلىق ،مىھمانلار كۆپ !

ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوست-يارەنلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتتە  ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ  چوڭلارغا ھۈرمەت بىلەن سالام بىرىۋاتقانلىقىنى ، ئۆز-ئارا قىزغىن ھۇرمەتتە پەس ئاۋازدا پاراڭلىشۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى…

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى!

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى -سەمىمى ۋە ئىقتىدارلىق ،ئەمەلى ئش قىلىدىغان ياش زىيالىيلارنىڭ يېڭى تەشكىللەنگەن قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى پىلانلاپ ۋە ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىپ، ئامېرىكىدا ئىلىپ بارغان ئىككىنچى قېتملىق پائالىيتىنى مىھرى-مۇھەببەتكە،ئشەنچ ۋە ھەمكارلىق روھىغا تويۇنغان ھالەتتە ئىلىپ باردى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئۆزىنىڭ ئۇچ پىرنسپى بولغان-<<مەرىپەتچىلىك،بىرلىك ۋە ئۈمىد>>تىن ئىبارەت ئۈچ روھىنى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سياسى ۋە ئىجتىمائى گۇرۇپپىلارغا تەۋە شەخسلەرنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

ئورتاق روھ ۋە خىزمەت ئوخشمىغان كىشلەرنى بىرلەشتۇرىدۇ.

جامائەت ئەربابلىرى،ئوخشمىغان گۇرۇپپا ۋە پىكىردىكىلەر ئەڭ كۆپ جەم بولدى:

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى،ئۇيغۇر ئنسانى ھوقۇق پىروجىكتى،ئەركىن ئاسيا رادىئوسى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي،ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى،ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر بىرلىكى ،ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى ..قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلار ۋەكىللىرى قاتناشتى ۋە ھەمسۆھبەت بولدى.

مىللى ھەرىكەت ئەۋلاتلار بويىچە داۋاملىشدۇ!

بىر ئەۋلات پشقەدەم ئۇستاز ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئىزىنى باسدىغان ياشلار ئۇزۇلمەيدۇ،مەزكۇر پائالىيەتتە ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ كۇيئۇغلى ،ئېقتسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى پەرھات بىلگىن ئەپەندى سۆزىدە:<<بىز دادامنىڭ ئېزىدىن ماڭىمىز>>دەپ جاكارلاپ،ياشلارنىڭ پشقەدەم بىر ئەۋلاتلارغا ئىزباسار بولىدىغانلىقى ئىرادسنى بىلدۇردى.ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ئوغلى  مۇرات ئاتامان ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۇمەننى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پائالىيەتنىڭ پۈتۈن  تېخنىكىلىق ۋە فىلىم ئشلىرىنى مۇكەممەل ئورۇنلاشقا كۇچىدى.ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ئىككى قىزى يىللاردىن بىرى مىللى ھەرىكەت ساھەسدە ئاكتىپ ئشلەپ كەلگەن بولۇپ،ئۇلار قىز-ئاياللارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ،پۇتۇن پارلامنىت ئەزالىرىغا يازىدىغان ئىلتماس ۋە رەھمەت خەتلەرنى تەييارلىدى،مۇھىم ھۇججەتلەرنى تەرجىمە قىلدى …

يېغىن روھى:

ئاپتورنىڭ سۆزى

ئىلىم-مەرىپەت روھى :ئۇيغۇرلاردا ئىلىم-مەرىپەت روھى ئەزەلدىن ئۆلگىنى يوق، ئۇيغۇرلار ئىلىم ئەھلىنى، ئۇستازلارنى ھىلىھەم بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرەيدۇ.

ئۇيغۇرلار

زىيالىيلار يەنىلا جەمىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى قسمى ،ئاقارتقۇچىلار،يتەكچىلەر بولۇپ،ئۇلار خەلقىنىڭ ئىھتىياجىنى،ئارزۇسنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر جامائىتى ھەر قانچە ئىغىر كۇنلەرگە دۇچ كەلسمۇ،بىر-بىرىگە بولغان ئشەنچ،ھۇرمەت ۋە مۇھەببەتنى يوقاتقىنى يوق.بۇ مىھرى-مۇھەببەت،ئشەنچ تېخىمۇ يۇكسلىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ!

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيە ئىبىن خالدۇن ئۇنۋرستىتىدا شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچلىدى

چا نويابىر 28 , 2018
ئو سۆزىدە ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولغان بولسىمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرنداشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بەردى. ئو يەنە جازا لاگىرىدا كۆرگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى ، كىشىلەرنىڭ كامىردىن تۇرۇپ ئازلاپ ، تۇرۇپ كۆپىيىپ قالدىغانلىقىنى، كامىرنىڭ شارائىتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ، ھەتتا يىگۈدەك تۈزۈك تاماق ۋە ئۇخلىغۇدەك بوشلۇقنڭمۇ يوق ئىكەنلىكى قاتارلىق بىرقاتار زۇلۇملارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن بىر كامىرغا سولانغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ، ھەدىمىزگە ئۆزىلىرىنىڭ بۇ يەردىن

You May Like