ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ماي
يازغۇچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بېغشلانغان يېڭى كىتابى «ئۇلار نىمە دەيدۇ» ماينىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنغان. كىتاپ مۇھاجىرەتتە پەرقلىق يېزىق ئىشلىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ يېزىق سەۋەپلىك ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە پەرقلىق كىملىك، پەرقلىق ئەدەبىيات، تىل ئادىتى پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
بۇ كىتاپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھاياتى تېما قىلىنغان ئۆزگىچە قوشاقلار، مەسەللەر ۋە شىئېرىي چۆچەكلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تىلى ئاددى، مىسرالار قىسقا ۋە رېتىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. كىتابتا پەرقلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئاۋازىنى، زوقىنى ۋە تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئورتاقلىششقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مۇستەقىل، ساغلام ۋە ئەقىللىق يېتىلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلۇق قىممەت قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇرۇشلۇك كىتاپلىرىنىڭ داۋامى ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ يۈرۈشلۈك بالىلار كىتابى نەشىر قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلاردىن «ئۇيغۇرلۇق دەرسى»، «تىلىمنىڭ تەمى»، «ئوماق تارىخچاق» دېگەن كىتاپلار مۇھاجىرەتتە ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىلەردە بالىلار قىزىقىپ ئوقۇيدىغان كىتاپلاردىن بولۇپ قالغان.
كىتاپنى سېتىۋالماقچى بولغانلارئۈچۈن ئادېرسى