ئامېرىكا: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار، خاماس ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.

12- ماي كۈنى ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئىسرائىلىيەنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 13- ماي

 

12- ماي كۈنى ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئىسرائىلىيەنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئانتونى بىلىنكىن مۇنداق دېدى: «مەن نىتانىياخۇ بىلەن سۆزلەشتىم، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار، خاماس ھۇجۇمنى توختىتىشى كېرەك.»

 

ھازىرغا قەدەر توقۇنۇشتا 100 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇ 2000-يىلدىن بېرىقى ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇزۇندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللاپ، خاماسنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى رايوننىڭ تىنجىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان دىكتاتۇر كۈچلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

نىتانىياخۇنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى نۇتقى

شە ماي 15 , 2021
(تەرجىماندىن سۆز: تۆۋەندىكىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇنىڭ ئۆز پارلامېنتىدىكى نۇتقى. دىققىتىڭلارنىڭ «كىم ھەق، كىم ناھەق؟ كىمگە مەيدان تۇتىمەن؟» دە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت/دۆلەتنىڭ رەھبىرى مىللىي مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆز خەلقى، دۈشمىنى ۋە خەلقئارا بېسىم/تەنقىدلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغىنىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

You May Like