چوڭ تېپتىكى «ئىراق -ختاي سودا ئ‍ۇيۇشمىسى» تۇنجى قېتىم باغدادتا قۇرۇلدى

تەييارلىغۇچى: ئەھمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

1-دېكابىر

ئىراق-ختاي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلدى

ختاي ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىق ئۆز تەسر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە.ئېقتساد ۋە ئاتالمىش «تىچلىق دىپلوماتىيەسى»بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىماقتا.

  ئىراق سودا مىنىستىرى قۇرەير، ختاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شۈ خەيفېڭ، ئىراق-ختاي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ھەيدەر رۇبەيىر، ئىراق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە 200دىن ئارتۇق ختاي -ئىراق كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

ئىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن ئەرەب-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىرى ھسابلىنىدۇ.

  قۇرەير ئىراق زۇڭلىسى سۇدانىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىراق بىلەن ختاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىراق ختاي بىلەن يەنىمۇ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قۇرەير ئىراق-ختاي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «ئىراق بىلەن ختاينىڭ كەلگۈسىدىكى سودا ئىستىقبالى پارلاق. بىز ختايلىق دوستلار بىلەن بولغان پايدىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئورتاق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى رۇبەير.

  شۈ خەيفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق-ختاي سودا جەمئىيىتى ختاي-ئىراق كارخانىلىرى ئورتاق قۇرغان تۇنجى سودا ئۇيۇشمىسى، ئىككى دۆلەت سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۇپىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ختاي-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي دائىرلىرى ئۇيغۇر پېچاقچىلىق ۋە دارۋازلىق مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى يېڭىسار شەھىرىدە كەچلىك بازار ئېچىشقا يولغا قويغان.مەقسەت نىمە؟

جۈ دېكابىر 1 , 2023
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-دىكابىر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشىچە، ختاي دائىرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارالاشقان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پېچاق مەدەنىيتى ۋە دارۋازلىق مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولغان يېڭى ھېسار شەھىرىدە بۇ يىل نويابىردىن باشلاپ، كەچلىك بازار ئېچشقا يولغا قويغان. كەچلىك بازار-ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەھەر-بازاردا يۈز يىللاردىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ […]
يېڭىسار

You May Like