ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 6-ئىيۇن
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى-قولتۇق دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، خىتاي، روسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە گەۋدىلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، رايون خاراكتېرلىك بىر كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.