ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەخسۇس خەۋىرى:
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە تەم، رەڭ ۋە قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئستىمال قىلىشى ۋە تەۋسيە قىلىشغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
نيۇيورك شەھىرىنىڭ كېۋىنس ( Queens) رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى ( Uyghur Lagman House) 2024-يىلى روزى ھييتنى ئۆزىنىڭ رەسمى تېجارەت باشلاش كۈنى قىلىپ بېكىتتى.
«ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى»-ئۆتكەن 6 يىلدىن بىرى، نيۇيورك شەھىرىدە يېمەك-ئىچمەك تېجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بەلگىلىك تەجرىبە ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر كارخانىچى ۋراس ئەپەندى ئىگىلىكىدىكى شركەت بولۇپ، ھازىرغىچە نيۇيورك شەھىرىدە ئۈچ تارماق ئاشخانا ئاچقان.
ۋارس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: مەن ئۇزۇن يىل باش چۆكۈرۈپ، جاپالىق ئشلەپ ئىگىلىكىمنى بۇ يەرگە ئىلىپ كەلدىم. مەقسدىم: ئۆز ئىگىلىكىمنى كۈچلەندۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ تاماق مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتۇر.»
ۋارس ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سرى ھەققىدە مۇنداق دىدى:
مىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىم شۇ: مەن 24 يىلدىن بىرى ئوخشاش كەسپنى قىلىۋاتىمەن، ئەڭ قىين كۈنلەردىمۇ ۋاز كەچكىنىم يوق. مەن ھەمىشە پۈتۈن دېىققتىمنى قىلىۋاتقان ئىشىمغا قويۇپ، جاپالىق ئشلەيمەن، ھەر بىر ھالقىدا ئش بېشدا تۇرىمەن، تاماق ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھەممىنڭ ئالدىغا قويىمەن، خاتالىقىلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ماڭىمەن، مالىيەگە ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىمەن. بۇنىڭدىن كىين شركىتىمنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرى بىر تۇتاش-ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى ( Uyghur Lagman House)دىگەن نام بىلەن ماڭىدۇ. ئنشائاللا كەلگۈسىدە، شركىتمىزنىڭ تارماقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىمىز.»
ۋارس ئەپەندى ۋەتىنىمىزنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ تېجارەتكە كىرىشكەن، ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىدە تېجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىين،داۋاملىق ئۆز تەجرىبىسى ئاساسدا يەنە يېمەك-ئېچمەك تېجارىتىنى تاللاپ ئىگىلىك تىكلىگەن.
نىيۇيورك شەھىرى نوپۇسنىڭ ئالاھىدە كۆپ بولۇشى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ گىرەلىششى -يېمەك ئىچمەك ساھەسدىكى تىجارەتلەر ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت ياراتقان بولسا، ئوخشاش،مال باھاسى ۋە ئىجارە ھەققى قىممەت ۋە خادىملارنىڭ ئەمگەك ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يارىتىدۇ.
ۋارس ئەپەندىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇۋەپپەقىيتى بىزگە يەنە ھەر قانداق قىين ۋە مۇشەققەت شارائىتتىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باش ئەگمەس روھى بىلەن چوڭ ئشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
يېڭى ئېچىلغان ئۇيغۇر لەغمەنخانىسنڭ ئادېرسى:
6208 Woodhaven Blvd,Rego park,11374