ئىلان ماسك نىقاۋىنى ئاچتى :«ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى «ئىككى تەرەپلىك» ئ‍ش,تەيۋەن-جۇڭگونىڭ زېىمىنى»

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-سىنتەبىر

يېقىندا، دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس ئىلان ماسك (Elon Musk) ھەققىدە ۋالتىر (Walter Isaacson’) تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى، مەزكۇر كىتابتا ئىلان ماسكنىڭ خاراكتىرى كىشلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلگەن.

كىتابتا يەنە ئىلان ماسك ئەركىن مېدىيا (The Free Press’ )نىڭ مۇخبىرى بارس (Bari Weiss)قا مۇنداق دىگەن:تېۋىتتر جۇڭگو ھەققىدە سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كىرەك.چۈنكى تېسلانىڭ جۇڭگودىكى سودىسغا تەسر يېتىدۇ.جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئىككى تەرىپى بار ئىش.»

ئىلان ماسك يەنە، «تەيۋەن دىگەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېىمنى، خۇددى ھاۋاي ئامېرىكىنىڭ زېىمىنى بولغانغا ئوخشاش» دىگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىلان ماسكنىڭ بۇ سۆزىگە قارشى بايانات ئىلان قىلدى:

«بىز ئىلان ماسكنىڭ ختايغا سېتىلغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز،ئەمما تەيۋەن  ستېلمايدۇ.»

ئىنگىلىز تىلىدا، «ئىككى تەرىپى بار ئ‍ش »دىگەنلىك-ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يوللۇق تەرىپى بار ياكى «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش خاتالىقى بار»دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ ئىلان ماسكنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا، ختاينى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى،  تېۋىتتردا ختاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق تەشۋىقاتىغا يول قويغانلىقىنى ، قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان ئۈرۈمچىدە تېسلا مەركىزىنى قۇرغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىلان ماسك تېۋتترنى سېتىۋالغاندىن كىين،ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ساختا ئۇچۇرلىرى كۆپەيدى.ئەمما تېۋىتتر بۇنىڭغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەت قوللانغىنى يوق.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان خانىم ئۈستىدىن قىلغان تۆھمەت ئەرزى بىكار قىلىندى

يە سېنتەبىر 17 , 2023
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-سېنتەبىر بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال(2022-يىلى 10-سېنتەبىر) فىرانسىيەدىكى سولچى گۇرۇھلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشى بولغان «ئىنسانىيەت فېستىۋالى»غا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۈن قارشىلىق نامايىشى […]

You May Like