ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى نامزاتى كۆرسىتىلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-سېنتەبىر
خەلقئارادىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېس بۈگۈن ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۈرك (Volker Turk ) ئەپەندىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى» نىڭ ئالىي كومىسسارلىق نامزاتىغا كۆرسەتكەن. مەزكۇر نامزات نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شتابىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ھوقۇققا تەيىنلىنىدىكەن.
ۋولكېر تۈرك ئەپەندى 1965-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ لىنز(Linz) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇن كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلىدىن باشلاپ ب د ت باش كاتىپ ئىشخانىسىنىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.