شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يوق قىلىنىشى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
1. شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى
بۈگۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈن.
20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان كەسكىن سىياسىي داۋالغۇشلارغا تولغان رايون ئىدى. 1931-يىلدىن 1934-يىلغىچە ۋە 1944-يىلدىن1949-يىلغىچە شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچەيگەن ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بولۇپمۇ 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىل تارقىتىلۋېتىلشىگچە بولغان جەرياندا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.
جاللات شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندىن كىيىن، 1944-يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاب پارتلىدى. 1944-يىلى 9-ئاپرېل، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن غۇلجا ناھىيە بازىرى(ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى.
1944- يىلى 8-ئايدا پاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، سېيىت باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى.
1944-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا، نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە نىلقا بازىرىنى ئازاد قىلدى. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىن 3000دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقىمۇئارقا مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايرودروم ئۇرۇشى ۋە لياڭشاڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن تولۇق ئازاد قىلىپ، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزىم شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە تەقلىد قىلىپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىيەنىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيە باش شتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسىي باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربىي سوت، ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىندى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن قېچىپ غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن چار پادىشاھنىڭ ئاق ئورۇس سولداتلىرىدىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا، مازھاروف شتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربىي سوتنىڭ باشلىقلىقىغا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسىي باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشاتتى.
مىللىي ئارمىيە گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئىرادىسى ۋە جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، خىتاي قوشۇنلىرىنى شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ پولات قورغىنى دەپ ئاتالغان شىخۇ، جىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئۈرۈمچىگە پەقەت 150 كىلومېتىرلا كېلىدىغان ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇبتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ، خىتاي قوشۇنلىرى ئىشغالىيىتىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ، ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.
بۇ دەل 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىل ئىدى، جاڭ جيېشى روزۋېلىتقا يالۋۇرۇپ، ستالىن بىلەن سۈلھىلىشىدۇ ۋە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، لۇشۈن، دالىيەن پورتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىجارىگە بېرىش، ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىش، شەرقى شىمالدا تۆمۈر يول ياساش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق ئىمتىيازلار بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشقا كېلىشىدۇ. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقى تۈركىستاندىن بارلىق ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھەربىي خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىپلا قالماي، شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە باشقا زۆرۈر ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى توختىتىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ.
سەككىز ئايلىق جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن 1946-يىلى 4-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، مىللىي ئارمىيە قىسقارتىلىپ 6 پولك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. جەنۇبتىكى ئون مىڭلىغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلارمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. لېكىن، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى 1947-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىدۇ ھەم ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ، 5 ئاتلىق پولك، 3 پىيادىلەر پولكى ۋە بىر ئاتلىق باتالىيوندىن تەركىب تاپقان، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەيدۇ.
1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاچىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا ليۇ شاۋچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەخپىي سۆھبەتكە بارىدۇ. سۆھبەت داۋامىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىر دانە رادىستنى (تېلېگرافچى) ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋ زېدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنى 9-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋ زېدۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1949-1944-يىللىرىدىكى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار بىلەن يارۇللا بېكوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر قازاق رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
سۆھبەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ، ئەخمەتجان قاسىمى بۇنى قەتئىي رەت قىلدۇ ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىق، پەقەت بولمىغاندا، فېدېراتسىيە تۈزۈمى بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىسا، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتىدۇ. سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتىدۇ ۋە يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. تالاش-تارتىش ۋە بېسىمنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەيدۇ، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىق قىلىپ كەلگىنى بويىچە بولغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا يىغىنغا ماڭغاندا 27-كۈنى كۈنى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بايقال كۆلى بويىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇلار بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلمايتتى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلاتتى. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۇيىقەست بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
2. شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يوق قىلىنىشى
تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 –كۈنى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋاتىدۇ. ھەتتا 1962-يىلى خىتاي ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرىنى تېزراق كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھىندىستان ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئۇلار تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن ۋە ۋە خەۋىپسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا قوشۇۋاتىدۇ ھەم ئەسكەرلىكتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلارغا ئەۋەتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى پولىكىمۇ يەنى 5- كورپۇسنىڭ 13-دېۋىزىيە 38-پولىكى،14-دېۋىزىيەسىنىڭ 40-پولىكى 1969-يىلى يەنى شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيەسىگە قوشۇۋېتىلىپ يوق قىلىنىدۇ. 10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈرلۈك سۇيىقەست ۋە باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايان قىلغان ۋە مىللىتىمىز قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تارىخىي غۇرۇرىمىز، شۇنداقلا كەلگۈسى ئىنقىلابىمىز ئۈچۈن مەدەتكارىمىز.
مەنبە: نەبىجان تۇرسۇن يازغان << ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى >>، تور دۇنياسى
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى