ئەنقەرە يىغىلىشىدىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

ھەممىزگە مەلۇم، 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى، تۈركىيەدىكى بىرقانچە سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ھەرساھە، ھەر كەسىپتىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن« شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» تېمىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئاياغلاشتى.

ئاپتورى: ئىقبال

كوررىكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ھەممىزگە مەلۇم، 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە  بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى،  تۈركىيەدىكى بىرقانچە سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ھەرساھە، ھەر كەسىپتىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن« شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» تېمىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.  يىغىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئاياغلاشتى.

يىغىلىش ئاخىرىدا شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈكنىڭ باشچىلىقىدا ئاۋۋال تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ گۇماشتىسى ماۋپەرەسىت ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ مېدىيا ئورگىنى ئۇلۇسال قانال مەركىزى بىناسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلدى. ئۇندىن كىيىن يەنە سىيېت تۈمتۈرۈكنىڭ باشچىلىق قىلىشى، كەڭ شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى تۈرتكىسىدە ئەنقەرەدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئىلىپ بېرىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى. نامايىشقا ماڭغان شەرقى تۈركىستانلىقلار ۋە داۋا دوسىتلىرى بولغان ئازساندا چەتئەللىكلەر كۆزلىگەن مەنزىلگە يىتىپ بارالمىدى. ئوتتۇرا يولدا نامايىشچىلار ۋە تۈركىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئارىسىدا جىددىيچىلىك شەكىللەندى. بۇ جىددىيچىلىك قىسقا بىر ۋاقىت داۋاملاشتى. مەن بۇيەردە بۇنى جىددىيچىلىك دەپ ئالىمەن. چۈنكى، يىغىلىش ۋە يىغىلىشتىن كىيىنكى يۈرۈشلەردە كارۋاننىڭ ئىچىدە يەر ئالغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەنقەرەدە تۈركىيە ساقچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى، سۈركىلىش يۈزبەردى دىيەلمەيمەن.

نامايىش غەلبىلىك بولالمىدى. ئەمما نامايىشقا يۈرۈش جەريانى  نامايىشنىڭ غەلبىسى دەپ قارايمەن. ئەنقەرە كوچىلىرى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى كۆردى. كۆك بايراقنى كۆردى. تۈرك ساقچىلارمۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ئادا قىلدى. بۇيەردە ئۇلارنى ئەيىپلىگەنلەرگە كۈچلۈك نازازىلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىر دۆلەت بولغانىكەن ئۇنىڭ بەلگىلىك قانۇن-تۈزۈملىرى بولىدۇ. بىر خىزمەت بولغانىكەن، بىر ۋەزىپە بولغانىكەن ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى، مەجبۇرىيتى بولىدۇ.

ۋەتەن دەردىدە ئىچ باغرى زەردابقا تولغان ئەزىز خەلقىمىز خىتايغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە بىراز تەسەللى بەرمەكچى بولدى. تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ،«قايتىپ كىتىڭلار ، بىزنى خىجىل قىلماڭلار»دېيىشلىرى خەلقىمىزنىڭ ئىزتىراپى ئالدىدا ئاڭلانماي قالدى. خەلقىمىز ۋە ئۇلارغا باش بولغانلارمۇ يۈرەك سۆزلىرىنى بىچارىلەرچە تۆكۈپ باقتى. ئەمما بۇيرۇققا بويسۇنۇشنى ھىسياتدىن ئۈستۈن بىلىدىغان تۈرك ساقچىلىرى بۇنىڭغا ئامالسىز ئىدى. شۇ ئارىدا ھىچ كىشىگە مەخپى بولمىغاندەك، مۇچ سۈيى ، گاز سۈيى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى دىگەندەك ھەرخىل ئاتىلىۋاتقان پۈركىمىلەر خەلقىمىزگە پۈركۈلدى، چىچىلدى. بۇ ھادىسە ئىچىشقان يەرگە تۇز چېچىلغاندەك بولسىمۇ، خەلقىمىز سەبىر قىلدى. سىيىت تۈمتۈرۈك ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلىقنى تىنچلاندۇردى.

شۇنداق قىلىپ بۇ يىغىلىش، پائالىيەتلەر ئاخىرلاشتى. ئەسلىدە مۇشۇنداقلا تۈگەپ كەتسە ياخشى بولاتتى. ئۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئەنقەرەدىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرگە كىلىپ تىلىفۇنلىرىنى ئاچا-ئاچماي  ھەرخىل سۆزچۆچەكلەرنى كۆرۈپ بىئارام بولدى. ئۈمىدسىزلەندى.

ئىنتېرنېتتىن ئايرىلمايدىغان بىرتۈركۈم نامسىز قېرىنداشلىرىمىز، ئەنقەرەدە ئۇيغۇلار بىلەن تۈرك ساقچىلار توقۇنۇشتى، تۈرك ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇردى، ئۇيغۇلار تۈرك ساقچىلىرىنى ھاقارەت قىلدى دىگەندەك… رىئاللىققا زىت گەپ-سۆزلەرنى ئېقىتىپ يۈرەتتى. ئىش مۇشۇيەردە قالغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. تۆت ئورۇن تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىرلەشمە بايان بۇ ئىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

نەچچە ئايدىن بىرى غەزەپ-نەپرىتى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مەركەزلىشىپ، تەشۋىقات ساھەسىدە پىدائىيلار ئېشىۋاتقان، گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار كۆپىيىۋاتقان بىر پەيىتتە، تور دۇنياسىداسۈنئى كۈنتەرتىپ يارىتىلدى.

بۇ باياناتقا ئاۋاز قوشقانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭمۇ بولۇشى دىئاسپورادىكى خەلقىمىزنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.

چەتئەلدە ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ئىدىيىۋى،پىكرى ۋە سىياسى كۆز قاراشلىرى تۈپەيلى بىرقانچە يولدىن بىر مەنزىل ئۈچۈن ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ،  خۇسۇسى ئىختىلاپلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان، نىسپىيلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال. باياناتتا يەر ئالغان ئۈچ تەشكىلاتنىڭ نېمە سەۋەپتىن باياناتقا ئىمزا قويغانلىقى ھەققىدە ، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا توغرا ياكى خاتا بەزى چۈشىنىشلەر مەۋجۇت.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ بۇ باياناتقا ئاۋاز قوشۇشىدا بەلكى قىسمەن ھەقلىق كۆز قاراشلىرى بولۇشى مۇمكىن. باياناتتا ئەيىبلەنگەن  نۇقتا، ئەنقەرەدىكى جىددىيچىلىك ئەمەس بەلكى ئۇ جىددىچىلىكتىن كىيىن ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەيدا بولغان سۈنئى كۈنتەرتىپ ۋە ئاساسسىز ئىددىئالار بولغان بولسا ئەقىلگە ئۇيغۇن بولار ئىدى. بايانات ئەنقەرەدىكى پائالىيەت ۋە جەريانىنى ئەمەس ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنتېرنېتتا ئىقىپ، ئېقىتلىپ يۈرگەن ئاساسسىز گەپ- سۆزلەرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قارغۇلارچە ئەيىبلەۋاتقان ھېسسى قېيداش ۋە نەپرەتلەرگە بولغان بولسا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولاتتى. ۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئىبارەت ئۇيغۇلارنىڭ مېڭىسى دەپ قارىلىدىغان زىيالىيلار قاتلىمى، تەرەپلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولسا ئەڭ ئاز خەلقىمىزنىڭ دۇئالىرىدا ئەسلىنەتتى. مەن ھەم تۈركىيەنى ياخى كۆرىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنتېرنېتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قالايمىقان گەپ قىلىۋاتقانلارنى ئەيىبلەيمەن.

ئاخىردا  ئىستىكىم شۇدۇر:

ئېنتىرنېت دۇنياسىدا بىر بىرىمىزنى نىشانغا ئىلىپ ئاجىزلىقلىرىمزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان قىرىنداشلرىم، غەزەپ نەپرىتىمىزنى  خىتايغا مەركەزلەشتۈرەيلى. بىز خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرىنى ئەيىپلىمەيلى. ئىلمى يۇسۇندا تەكلىپ-پىكرىڭلارنى ئورتاقلىشىڭلار. بىز تىللاۋاتقان كىشىلەر بىزنىڭ قېنىمىز، بىزنىڭ تىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلار تارىخداش، تەقدىرداش، تىلداش، دىنداش. بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشايلى.

تەشكىلاتلاردىن ئىستىكىم شۇدۇر:

شەرقى تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىكەنسىلەر، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى شەخسى خۇسۇمەتلىرىڭلاردىن ئۈستۈن تۇتساڭلار. ئاراڭلاردا دا ھەل قىلالمىغان شەخسى ئىختىلاپلىرىڭلارغا خەلقىمىزنى شىرىك قىلمىساڭلار. دىققىتىڭلار، كۈچىڭلار ر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى مەركەزلەشكەن بولسا، بىر بىرىڭلار ئەيىبلىگىلى ۋاقىت چىقمىغان بولاتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئىستىكىم شۇدۇر:

ئاكادىمسيەنلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك  ئەمەلى خىزمەتلىرى  بەك كۆپ. خەلقىمىز سىلەرنىڭ ئىلمى ئەمگىكىڭلارغا، ئەمەلى ھەركىتىڭلارغا، ئىلمى سىتىراتېگىيە ۋە پىلانلىرىڭلارغا موھتاج . ئەلۋەتتە بىر تەتقىقات ئۈچۈن جەريان، ئۇسلۇب، نەتىجە رېئاللىققا زىت بولماسلىقى، خەلق مەنپەتىنى ئاساس قىلغان بولۇشى كىرەك. بۇ ئايان ھەقىقەتتۇر.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي كانادا پۇقراسىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دىلوسىغا سوت ئاچماقچى.

پە دېكابىر 27 , 2018
خىتاي ۋە كانادا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ خىتاينىڭ مەلۇم سوت مەھكىمىسى «شەنبە (12-ئاينىڭ 29-كۈنى)، كانادا پۇقراسىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دىلوسىغا سوت ئېچىلىدۇ» دېدى.

You May Like