ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
سايئوغلى
2019-12-16
گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنى خىتاي سەپىرىدە قاتتىق ئىھتىياتچان بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە جاسۇسلۇق خەۋپى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتايغا بارغاندا مەخسۇس ساياھەت ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان كومپىيوتىر ۋە بىر قېتىملىق قوللىنىلىدىغان تېلفۇنلارنى ئىشلىتىشنى ۋە بۇ ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشلىرىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان. ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا كومپىيۇتىرنى چوڭ كۆلەملىك ۋىرۇس تازلاشدىن ئۆتكۈزۈشنى، ھەتتا پۈتۈن سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىۋېتىشنى ئەسكەرتكەن.
گېرمانىيە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى بۇنداق تەۋسىيەدە بولىشىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن:«خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا باشلامچى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇر ساھەسىدە ھەم ئالاھىدە ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئوچۇق ئاشكارە ھۇجۇملاردا بولدى. بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ ختاي ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى توردا جەدۋەل تولدۇرغاندا نۇرغۇن شەخسى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئارقىلىپ خىتايغا كەلمەكچى بولغان مۇھىم سىياسى ۋە تىجارى شەخسلەرنى سۈزۈپ چىقىپ، ئۇلار خىتايغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى كۈزىتىشكە قولايلىق يارىتىش ھەتتا ئۇلارنى سېتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردى».
بۇ سەۋەپدىن ئاساسى قانۇننى قوغدا ئىدارىسى كىشىلەرنى بۇ تۈردىكى جەدۋەللەرنى تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە باشلىقى توغۇرسىدىكى سۇئاللارغا بەك تەپسىلى جاۋاپ بەرمەستىن ئابستراكىت جاۋاپ ئارقىلىق جەدۋەلنى تولدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
يېقىندا كىشىلەر مۇنداق بىر ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشكەن، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ( ش ت ) غا كىرىش ئالدىدا چىگرادىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تېلفۇنلىرىغا بىر خىل كۈزىتىش ئەپ دىتالى مەجبۇرى ھالدا قاچىلانغان. بۇ خىل دىتال ئېنىقكى تېلىفۇندىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇچۇرلارنى تاللاپ چىقىش ۋە ساقچى دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈندۇر.