مۇھەممەد ئاتاۋللا ئويچان: ۋەيران قىلىنغان ئائىلەم

مېنىڭ ئىسمىم مۇھەممەد. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇتەن ناھىيە، سېغىزكۆل يېزا، ئورنۇش كەنتىدىن. مېنىڭ ئائىلەمدە نەۋرىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەتتە جان بار بولۇپ،ئۇلار دادام، ئانام، ئاچام، مەن ۋە قالغان تۆت ئۇكامدىن ئىبارەت.

     

                            مۇھەممەد ئاتاۋۇللا

  مېنىڭ ئىسمىم مۇھەممەد. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇتەن ناھىيە، سېغىزكۆل يېزا، ئورنۇش كەنتىدىن. مېنىڭ ئائىلەمدە نەۋرىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەتتە جان بار بولۇپ،ئۇلار دادام، ئانام، ئاچام، مەن ۋە قالغان تۆت ئۇكامدىن ئىبارەت. بىز ئالتە بالا بولۇپ، مەن بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى. مېنىڭ بىر ئاچام ۋە تۆت ئۇكام بار. مەن ھازىر تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرىگە جايلاشقان «سۈتچى ئىمام» ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ماگېستىرلىقتا ئوقۇيمەن. نۆۋەتتە، دەرسلەرنى تۈگىتىپ ماقالە يېزىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمەن. مەن 2016- يىلى 5- ئايدا، قانۇنلۇق شەكىلدە تۈركىيەگە كەلگەن. مەن تۈركىيەگە كېلىپ، يېرىمغا يىلغا يېقىن تۈركچە ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، 2017- يىلى 2- ئايدا ھازىرقى مەكتىپىمگە ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. مەن تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان، تا بۇ يىل 4- ئايغىچە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئالاقەمنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ، ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتىم. بۇ جەرياندا، ئائىلەمدىكىلەر كۆپ قېتىم خىتاي ساقچىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىدى. ئائىلەم مەن تۈپەيلى «نوقتىلىق» ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاتا-ئانام بىلەن قېرىنداشلىرىم كۆپ قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرىتىلىپ سۇراق قىلىندى. خىتاي دائىرىلىرى كۆپ قېتىم ئۆيدىكىلەرگە تەھدىت سېلىپ، مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئائىلەمگە بېسىم قىلىپ، مېنى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ۋە كادىرلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا قىستىدى. مەن ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش تەلىپىنى «بۇ دېگەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يولسىزلىقى، قانۇنسىزلىق» دەپ، كەسكىن رەت قىلدىم. ئەمما «ئەمىسە، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە ئائىت ئىسپاتلارنى يوللاپ بەرسۇن» دېگەن تەلىپىگە قۇشۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەردىم. بىراق، يەنىلا… خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلى، 3- ئايدا،  ئەڭ كىچىك ئۇكام رۇزىمەمەت ئاتاۋۇللانى  ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»گە تۇتۇپ كەتتى. رۇزىمەمەت ئەمدىلا ياشلىق باھارىغا قەدەم قويغان شوخ بىر بالا ئىدى. ئۇ كەسپىي تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كىچىك بولىشىغا قارىماي، ئۆز ئالدىغا ئاداشلىرى بىلەن بىللە تىجارەت قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئائىلمىزنىڭ ئەڭ ئەركە، ھەم ئەڭ ئۇماق بالىسى ھېسابلىناتتى. رۇزىمەمەتنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى ئائىلىمىزگە بولۇپمۇ، ئانامغا بەكلا ئېغىر كەلدى. ئانام ئەسلىدىنلا كېسەلچان، بىر تىرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان، ئەمما شىجائەتلىك بىر ئايال ئىدى. ئانامغا «رۇزىمەمەت ياش، ئەنسىرىمەڭ، ھېچنىمە بولمايدۇ» دەپ ئاران-ئاران تەسەللىي بېرىپ كېلىۋاتاتتۇق. زالىم  خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 8- ئايغا كەلگەندە، رۇزىمەمەتنى قۇيۇپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە بىر ئۇكام مەمەتئېلى ئاتاۋۇللانىمۇ تۇتۇپ كەتتى. ئۇكام مەمەتئېلى 28 ياشلاردىكى ياۋاش بىر بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بار ئىدى. مەمەتئېلى بۇرۇندىنلا كېسەلچان بولۇپ، ئۆيىدىن دۇرا ئۈزۈلمەيتتى. ئۇ لاگىرغا سۇلانغاندىن كېيىن، سالامەتلىكى تېزلا ناچارلىشىپ كەتتى. ھەر قېتىم ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، «مېنى بىر ئامال قىلىپ، بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار» دەپ يىغلايتتى. بىر قېتىم كېسىلى قاتتىق ئېغىرلىشىپ، ساقچىلار ئامالسىز خۇتەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى. ئارقىدىن داۋالاش ھەققىنى تۆلىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرنى چاقىرتتى. ئانام دوختۇرخانىغا بارسا ساقچىلار ئۇكام بىلەن كۆرۈشكىلى قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانام ساقچىلارغا قاراپ: «دۇختۇرخانىنىڭ پۇلىسىنى تۆلەتكىلى چاقىرىسىلەر، بالامنى بىر كۆرگىلىمۇ قويمامسىلەر» دەپ يىغلاپتۇ. ئاخىرىدا، ساقچىلار «ئاچا، بالىڭىزنىڭ تەربىيەلەشتە قالغىنىمۇ چوڭ ئىش، نۇرغۇن بالىلاردەك تۈرمىگە كەتكەن بولسىمۇ ئامال يوقتى، سەۋر قىلىڭ» دېگەچ، 10 مىنۇت كۆرۈشكىلى قۇيۇپتۇ. ئانام بىر تىرە بىر سۆڭەك قالغان ئۇكامنى كۆرۈپ يىغلاپتۇ. ئۇكاممۇ «مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىر ئامال قىلىپ مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار» دەپ يىغلاپتۇ… ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئۇكامغا جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەن. كېسەلخانىنى ساقچىلار كۆزىتىپ تۇرىدىكەن. ئۇكامنى ئانامنىڭ كۆز ئالدىدىلا ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ، يالاپ ئېلىپ كېتىپتۇ. بىچارە ئانامنىڭ كېسەل ئۇكامنى لاگىردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارمىغان ئىدارە، يالۋۇرمىغان كىشىسى قالمىدى. يېزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن تارتىپ، مەھەللىدىكى «خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ ئادەملىرىگىچە ھەممىسىگە يالۋۇردى، يىغلىدى. ئۇلار ھەر قېتىم «بىز كۈچەپ باقايلى، خاتىرجەم بولۇڭ، پات ئارىدا كېلىدۇ» ياكى «بىزگىمۇ ئامال يوق، يۇقۇرىدىن قۇيۇپ بەرمىسە، بىز ئارىلىشالمايمىز»… دېگەن جاۋاپلارنى بېرىپ يولغا سالدى. ھەر قېتىم پاراڭلاشقىنىمدا، ئانام «ئەمدى بالام، قۇلۇمدىن كەلگىنىنى قىلىپ باقتىم، كىرمىگەن ئىشىك، يالۋۇرمىغان باشلىق قالمىدى»… دەپ يىغلايتتى. ئانام بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بەكلا تۈگىشىپ كەتتى. كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. نەچچە قېتىم دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. دوختۇرلار «بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، ياخشى قارىمىىساڭلار ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ جەرياندا، ھەر تېلېفۇن قىلغىنىمدا، ئانام بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىشقا تېرىشاتتىم. ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئازابنى ئازراق بولسىمۇ، يەڭگىللىتىشكە، دەرتلىرىگە كىچىككىنە بولسىمۇ، مەلھەم بولۇشقا ئورۇناتتىم. بىر ياندىن، يالغاندىن كۆلۈپ، ناھايىتى خۇشال ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىشكە؛ يەنە بىر ياندىن، جازا لاگىرلىرىنى «مەكتەپ»، ئۇكىلىرىمنى بولسا «ئۇقۇغۇچى» كۆرسېتىشكە تېرىشاتتىم. بىراق، ھەممە ئىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن-بىلگەن ئانامغا تەسەللىي بېرىش ئەمدى ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇمۇ ئازاپلىرىنى مەندىن يۇشۇرۇشقا، ئۆزىنى ماڭا قەيسەر كۆرسىتىشكە تېرىشاتتى. دائىم مەندىن غەم يەيتتى. ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. 2018- يىلى، 8- ئايلاردا، ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭ تۇتۇلۇپ، ھەپتە ئۆتمەي ئالتە يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئۆيدىكىلەر باشتا بۇ ئىشنى مەندىن يۇشۇرۇپتۇ. كېيىن گەپ-سۆز ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئېيتىلىشىچە، ئاچامنىڭ ئېرى بىر قانچە يىل بۇرۇن، مەسچىتتە بىر تەبلىغ ئاڭلىغانىكەن. ئۇ تەبلىغنى «قانۇنسىز» بىر كىشى قىلغان ئىكەن. بىر مەھەللىدىن، شۇ تەبلىغنى ئاڭلىغان 60 نەچچە كىشىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئالتە يىللىقتىن تۈرمىگە تاشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاچاممۇ بالىلىرى بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالدى. ئانامنىڭ دېيىشىچە، باشقا يېزىدىكى بىر بىرنەۋرە ئۇكامنىمۇ بەش يىللىق كېسىۋېتىپتۇ. ئەنە شۇنداق، تۇتۇلغانلار تۇتۇلغان پېتى، قېلىپ قالغانلار ئائىلىدە ھەسرەتتە، مەن بولسام مۇساپىرلىقتا غۇربەتتە. كۈنلەر بىر خىل ئېغىر ۋە ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. ھايات بىر خىل مەنىسىنى يۇقاتقان ئىدى. كۈزلەردىن ئۇيقۇ قاچقان. كېچىلىرى بىدار، كۈندۈزلىرى سەرخۇش. ھەر قېتىم تېلېفۇن قىلغىنىمدا، كۆڭلۈم غەش تېلېفۇننى قۇياتتىم. ئۇنى-بۇنى سورىغاننى قىلىپ، يۇرت-مەھەللىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تېرىشاتتىم. ئاڭلايدىغىنىم ئاساسەن ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولاتتى. بىر تەرەپتىن ئۆيدىكىلەردىن ئەنسىرەپ ۋەزىيەت توغرۇلۇق گەپ قىلماسلىققا ئورۇناتتىم؛ يەنە بىر تەرەپتىن گەپ ئارىسىدىن بىر ئامال قىلىپ، ئۇچۇر ئىگىلەشكە دىققەت قىلاتتىم. ھەر قېتىملىق سۆزلىشىش جەريانىغا ھەم قورقۇنچ، ھەم ئۈمىد ھەمرا ئىدى. كۆپرەك ئانام بىلەن پاراڭلىشاتتىم. چۈنكى دادامنىڭ قۇلىقى ئېغىر، تېلېفۇندا سۆزلەشكىلى بولمايتتى. باشقا ئۇكىلىرىم بىلەن ئاچام ئادەتتە ئۆيدە بەك تۇرمايتتى. شۇڭا تېلېفۇن ئۇرغان ۋاقتىمدا ئۆيدە بولىدىغان ۋە تېلېفۇننى ئالىدىغان كىشى ئاساسەن ئانام بولۇپ چىقاتتى. يەنە كېلىپ، باشقا بالىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن بىر ئاز ئەنسىرەپمۇ قالاتتىم. شۇڭا ياشانغان ئانام بىلەن پاراڭلىشىش سەل-پەل بىخەتەر تۇيۇلاتتى. بەزىدە تېلېفۇن ئۇرۇشتىن قورقۇپ قالاتتىم. تېلېفۇن ئۇلىنىشقا باشلىغاندا يۈرىكىم گۈپۈلدەشكە باشلايتتى. چۈنكى ئانامدىن ئەنسىرەيتتىم. ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بىر ئىش كاللامغا كىرىۋالاتتى. تېلېفۇننى ئالغۇچىنىڭ ئانام بولماي قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم. بەختىمگە يارىشا تېلېفۇننى كۆپىنچە ئانام ئالاتتى. بەزىدە، تېلېفۇننى باشقىلار ئالغىنىدا، تۇنجى سورايدىغىنىم ئانام بولاتتى. ئانامنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇكىلىرىم ھەققىدە سورايتتىم. بىراق، ھەر قېتىمدا «تېخى قۇيۇپ بەرمىدى» دېگەن ئوخشاش جاۋابنى ئالاتتىم. بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. شۇڭا ئۇكىلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى سوراشتىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم. ئەلبەتتە، سورمايمۇ تۇرالمايتتىم. ئەڭ مۇھىمى، ئانامنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتىم. كېيىنكى چاغلاردا، ئانامنىڭ ئازاپلىق يىغىسىنى ئاڭلاشتىنمۇ ياكى ئانام ھەققىدە بىرەر شۇم خەۋەر ئاڭلاشتىنمۇ، ئەيتاۋۇر بىر نەرسىدىن قورقۇپ، تېلېفۇن قىلىشقا رايىم يوق بوپ قالغان ئىدىم. بىراق، شۇم خەۋەر يەنىلا كەلدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، تېخىمۇ دەھشەتلىك ئىدى… كىچىك ئۇكام تۇتۇلۇپ ئارىدىن ساق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2018- يىلى 3- ئايدا، بالا دەردىدە باغرى كاۋاپ بولۇۋاتقان كېسەلچان ئانام خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ئانامنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئۆيدىكىلەر باشتا مەندىن يۇشۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما كېيىن، يۇشۇرۇپ بولالمىدى. ئاچامنىڭ «ئانامنى تۇتۇپ كەتتى» دەپ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە. خىتاي ساقچىلىرى ئانامنى مەھەللىمىزدىكى 20 نەچچە ياشانغان ئاياللار بىلەن بىر قاتاردا تۇتۇپ كېتىپتۇ. ئۆيدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئانام بۇ ئاياللار بىلەن بىرگە 3-4 يىل بۇرۇن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە مۇسىبەت بولغاندا، يىغىلىپ مەرھۇمنىڭ رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇغان ئىكەن. ئىنسان قىلىپىدىن چىققان خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئانامنى ۋە ئانام دېمەتلىك 20 نەچچە ئايالنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۆيدىكى قالغانلار بىلەن بىر –ئىككى قېتىم تېلېفۇندا پاراڭلاشتىم. ئۆيدىكىلەر بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ھەر قېتىم تېلېفۇن قىلىپ، ئانامنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام، ئالاقزادە بولۇپ كىتەتتى. بارا-بارا «پات-پات تېلېفۇن قىلمىساڭ، پەقەت قىلمىغىن دېسەكمۇ بولمايدۇ. ئەمما، بەك تۇلا تېلېفۇن قىلمىغان بولساڭ» دېيىشكە باشلىدى. مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنى ئارامىدا قۇيۇش ئۈچۈن بىرەر ئايغا يېقىن تېلېفۇن قىلمىدىم. كېيىن تېلېفۇن قىلغىنىمدا بولسا، تېلېفۇن تاقاق ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېچىلىپ باقمىدى… مەن توختىماي ئانام توغرۇلۇقلا سۆزلىدىم. دادام بىلەن بولغان ئالاقەم، دادام مېنى چەتئەلگە ئۇزىتىش ئۈچۈن باغرىغا بېسىپ خوشلاشقان ئاشۇ دەملەردە ئۈزۈلگەنىدى. دادامنىڭ قۇلىقى ئېغىر بولغاچ، مەن چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان دېگۈدەك سۆزلىشىش نىسىپ بولمىدى. ھەر قېتىم ئانام بىلەن سۆزلەشكەندە، دادام يېنىدا تۇرۇپ بىزنىڭ سۆزلەشكىنىمىزنى كۆرۈپ تۇراتتى. مەندىن ئەھۋال سورايتتى، مەنمۇ ئەھۋال سورايتتىم. ئارىمىزدا ئانام «تەرجىمانلىق» قىلاتتى. قىسقىسى، ئۆيدىن ئايرىلغاندىن بۇيان دادام بىلەن تۈزۈك پاراڭلىشىپ باقمىدىم. بىچارە دادام ياشانغان ۋە كېسەلچان ئىدى. ئانامدىن ئايرىلىپ ھازىر قانداق ياشاۋاتىدىكىن ھېچ خەۋىرىم يوق… ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرى قالغان ئىككى ئۇكام، ئاچام ۋە يەڭگىلىرىمنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. ئۇلارمۇ ھەر كۈنى كەچتە مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ «ئۇچۇق تەربىيەلەش» كۇرسىغا قاتنىشىدىكەن. مەھەللە كومىتېتىغا يىغىلپ بايراق چىقىرىدىكەن. توختىماي ھاشاغا بارىدىكەن. مەجبۇرىي قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىكەن. ئىشقىلىپ، قالغانلارغىمۇ ئارام يوق ئىدى. دېمەك، 2018- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ، ئائىلەم بىلەن بولغان ئالاقەم تامامەن ئۈزۈلدى. ھازىر ئانامنىڭ، ئىككى ئۇكامنىڭ ۋە ئائىلەمدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ياكى بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئانامنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈندىن بۇيان، تۈزۈك ئۇخلاپ باققىنىم ئېسىمدە يوق. يىگەن-ئىچكەن، قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن. بۇ بىر –ئىككى يىلدىن بۇيان غايەت زور پىسخىك بېسىم ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتاتتىم. ئانامنى تۇتۇۋالغان بۇ 5 ئايدىن بۇيان، بۇ پىسخىك بېسىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مىڭەم ئاغرىيدىغان، زىھنىمنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالدىم. يىل بېشىدا تۈزگەن يىللىق پىلانلىرىم شۇ پېتى قالدى. ئائىلەمگە كەلگەن بۇ زۇلۇملار ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەنىۋىي ئازاپ، ۋۇجۇدۇمدا كۆتۈرۈپ قۇپقۇسىز يۈك ھاسىل قىلدى. قەلبىمدە تۈمەن مىڭ يارا-جاراھەت پەيدا قىلدى. نەتىجىدە، ئۆگېنىش ئۆنۈمۈم تۆۋەنلەپ كەتتى. يېزىۋاتقان ماقالەم پىلان بۇيىچە ئىلگىرلىمىدى. نۇرمال رۇھىي ھالىتىمگە دەز كەتتى. بۇلار يالغۇز مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بىردىن ھېكايىسى چۇقۇم بار.   2018- يىلى، 10- ئاينىڭ، 15- كۈنى، ئەنقەرە

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تىزىملىكى خىزمىتى

سە ئۆكتەبىر 16 , 2018
ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تىزىملىكى خىزمىتى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشيانە زۇلۇمى چېكىگە يېتىپ ھەر كۈنى سوراقتا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، لاگىر-تۈرمىدە ئۆلگەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرمەكتە. دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشىغا ئەگىشپ، خىتاي يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق لاگىرلارنى پەردازلىماقتا، […]

You May Like