ئۇلار يالغۇز بىراق تەنھا ئەمەس!

يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئورۇن، ۋاقىت، داۋام جەھەتتىن شەخىس ياكى كىچىك بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىختىيارىغا باغلىق ئىلاستىكىلىققا ئىگە تەشۋىقات شەكلى بولغاچ، يالغۇز كىشلىك نامايىشقا ئاتلانغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019- 6- 24

يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئورۇن، ۋاقىت، داۋام جەھەتتىن شەخىس ياكى كىچىك بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىختىيارىغا باغلىق ئىلاستىكىلىققا ئىگە تەشۋىقات شەكلى بولغاچ، يالغۇز كىشلىك نامايىشقا ئاتلانغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

بىر يىل ئاۋال گوللاندىيەدىن ئابدۇرىھىم غىنى ئامىستىردام دام مەيدانىدا نامايىشنى باشلىغان ئىدى. بىر يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىن ئەنۋەر ۋە ئىھسان، گىرمانىيەدىن ئابدۇللاھ ئارىش،  ئامرىكىدىن مايسەم مۇتەللىپ خانىم قاتارلىقلار ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەرنىڭ يولۇچىلار كۆپ مەزكەرلىك ئورۇنلاردا يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى قانات يايدۇرماقتا.

تۈركىيە ئىستانبۇل شەھرىدە تۇرۇشلۇق ياش يىگىتلەردىن ئەنۋەر بىلەن ئىھسان بۇ يىل رامىزان  كۈنى كىرگەندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى داڭلىق مەسجىتلەر ئالدىدا ئۈستىگە مەھبۇسلار كىيىمى، قوللىرىغا كىشەن كىيگەن ھالدا نامايىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇلار  روزا رامىزاننى  ئىستانبۇلنىڭ ئۇزۇن ئىسسىق كۈنلىرىنى ۋەتەندىكى لاگىرلاردا يىتىۋاتقان 3 مىلىيون خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىتىش بىلەن تاماملىدى. 50 كۈندىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈنۈگۈن شەنبە گېرمانىيەنىڭ شىتۇتگارت شەھىردە ياشاۋاتقان ئابدۇللا توختى ئارش شىلوس مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى باشلىدى. ئۇ ئىلگىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خىزمەت بىلەن تۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى گىرمانىيەگە كەلگەن. ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، ئىنىسى ۋە ئىنىسىنىڭ ئايالى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا تۇتۇپ كىتىلگەن بولۇپ، ئابدۇللاھ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭلا دەۋاسىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن لاگىردىكىلەرنىڭ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقىمىزنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغىنى يالغۇز ئۇيغۇرلاردىنلا ئەمەس، چەتئەللىكلەردىنمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مارافونچە نامايىش قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆرۈلۈشى.

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئابدۇرىھىم غىنى بىلەن ھەر يەكشەنبە بىرگە نامايىش قىلىۋاتقان گوللاندىيەلىك ياش يىگىت نىكىي 20نەچچە ياشلار چامىسىدىكى نىكىي ئامىستىردامدىن 100 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى زىۋوللو شەھرىدە تۇرىدۇ. ئۇ يەكشەنبە كۈنلىرى ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نامايىش قىلىدۇ، ساياھەتچىلەرگە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىنگىلىزچە، گوللاندچە چۈشەندۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ. نىكىينىڭ ئۇيغۇر بىلەن ھىچقانداق باغلىنىشى يوق، ئۇنىڭ پاخپىيىپ تۇرغان ئۇزۇن بۈدرە چاچلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭدىكى ئالىيجاناپ يۈرەكنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىراق دەل ئاشۇنداق بىر يىگىت ئابدۇرىھىمغا نۇرغۇنلىرىمىز قىلالمايۋاتقان ياردەمنى قىلىۋاتىدۇ.

ئەنگىلىيەلىك يەھۇدى ئەنجىرۇ بولسا بىر بۇرادىرى بىلەن 3-ئايدىن بىرى لوندوننىڭ غەربى شىمالىدىكى خەمپىستىد شەھرى خىتاي كونسۇلخانىسى مەدەنىيەت مەركىزى ئالدىدا «ئۈچ مىلىيون مۇسۇلمان خىتاي يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا»دىگەن لوزۇنكىنى تۇتقان ھالدا ھەپتە- ھەپتىلەپ نامايىش قىلماقتا. ئەنجىرۇنىڭ ئاتا- ئانىسى 80 يىل بۇرۇن ناتسىست يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى خەتەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «ئاخىرقى تەدبىر –قىرىپ تۈگۈتۈش»تەقدىرىگە مۇپتىلا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ ھەرىكەت قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئەنجىرۇ تىجارەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئىيتىپ بەرمىدى، ئۇ ھەر سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6-7 لەردە يول بويىدا تاختا تۇتقان ھالدا نامايىش قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق خىزمەتتىن يانغان قاتناش قىستاڭ مەزگىلدە يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەن. يولۇچىلار ئۇنى قوللاپ دۈدۈك چىلىپ، ياكى ئالقىشلاپ قوللايدىغانلقىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدە ياشايدىغان مەت تاكىر دېگەن كىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئۈزۈلدۈرمەي نامايىش قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆزىدىن باشلاپ بۇ نامايىشنى مەيدانغا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ ئىدىيە بولسا بىزنىڭ ئابدۇرەھىم غېنى قېرىندىشىمىز بىر يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان يالغۇز كىشىلىك نامايىش .  بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ قېتىم بىر ئامېرىكىلىق ئۆزلۈكىدىن كىشىلەرنى بۇ ئىشقا تەشكىللەۋاتىدۇ.

21- ئىيۇن ئامرىكىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ  « خەلقئارا ئۇيغۇرنامايىشى  ئۇيۇشتۇرىۋاتىدۇ، ئۇ كۈندە مەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستان رەڭگىدە ئاق ۋە كۆك  رەڭلىك كىيىم كىيىپ نامايىش قىلىدىكەن.  

ھازىر مەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن يالغۇز ياكى كوللىكتىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىشقا ئادەم ئىزلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا بوستۇندىكى قەدىرلىك دوكتۇر مايا مۇتەللىۋو ئاۋاز قوشۇپ، بوستۇندا ھەر ھەپتە ئاخىرى يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندە مايسەم مۇتەللىپ خانىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرىن قالدۇرىمەن. بۇ يازمىنى تاماملاشقا مايسەم ھەدەمنىڭ سۆزىدىنمۇ گۈزەل بىر سۆز يوقلۇقىنى ھىس قىلدىم.

«ھەممىڭلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت! شەرقىي تۈركىستاندىكى (ۋەتەندىكى) زۇلۇملارغا نۇرغۇن ئايلاردىن بىرى قايغۇرۇپ كەلگەن ئىدىم، بۈگۈن ئازابىم بىر ئاز يەڭگىللىدى. نىمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم مەن كىشىلەر بىلەن، باشقىلار بىلەن، دۇنيا بىلەن ئۆزۈمنىڭ غەم-قايغۇمنى ئورتاقلاشقىنىم ئۈچۈندۇ. مەن بۆلەكچە راھەت ھىس قىلدىم! گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر قاراپ قويۇپلا ئ‍ۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر تەشۋىقاتىمنى ئوقۇش ئۈچۈن توختىدى، مەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. بەزىلەر تولىمۇ قوللىدى، ئۇلار مەندىن قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى سوراشتى، مەن ئۇلارغا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بەردىم. ئۇيغۇر مۇزىكىسى بەكلا ئەسقاتتى، بەزىلەر ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ، ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.

مەن كامبىرىج شەھرىدىن تاكى 2019- يىلى ئاياغلاشقىچە نامايىش قىلىشقا رۇخسەت ئالدىم.

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار، ئۇيغۇرلاردىن، قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىك ھىس قىلساڭلار، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نامايىش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەتتا يالغۇز بولساڭلارمۇ!

بىلىڭلاركى، سىلەر ئىسلاھ قىلالايسىلەر! ئىسلاھ قىلىش بىر ئادەمدىن باشلىنىدۇ، كۆڭلىڭىز تولىمۇ تەسكىن تاپىدۇ، چۈنكى سىز ئۇ ئېغىر ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىڭىز! ھەر ھەپتە ئاخىرى داۋاملاشتۇرۇڭ، تاكى خىتاي لاگىرلارنى تاقىغۇچە!

مەن بايرىقىمىز رەڭگىدە ئاق ۋە كۆك رەڭلىك مايكا كىيىپ، ۋەتىنىمىزگە ساداقىتىمنى بىلدۈرمەكچى! »

مەنبە:

    https://www.facebook.com/International-Uighur-Protests-7-21-19-2336936276630585/?__tn__=HHH-R      

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى: نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى جاكارتانى قوزغىتالمىدى؟

سە ئىيۇن 25 , 2019
يېڭى بىر دوكلاتقا كۆرە، ھىندونوزىيەنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا سۇس ئىنكاس قايتۇرىشىنىڭ سەۋەبى، قانداقتۇر پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشلا بولماستىن، بۇ يەنە كۆپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ئەيىپلەشلىرىگە بولغان گۇمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

You May Like