1-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قانداق ئورگان؟
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى (ئۇيغۇر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،(Romanized: Uyghur Aginitliqi ,уйғур агенитлиқи ،维吾尔时报)
2018-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشنگىتوندا تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تىللىق مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى.
نۆۋەتتە نورمال مېڭىۋاتقان ياكى يېڭىدىن خىزمەتكە كېرشتۈرۈلگەن ھەر قايسى قانال تور بېكەت ئادېرسلىرى:
ئۇيغۇرچە تور بەت ئادېرسى:www.iuyghur.com
ئىنگىلىزچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurtimes.com
گىرمانچە تور بەت ئادېرسى:www.uiguren.com
ختتايچە تور بەت ئادېرسى:www.weiwuer.com
تۈركچە تور بەت ئادېرسى:www.haberuygur.com
فىرانسۇزچە تور بەت ئادېرسى:www.ouighour.com
روسچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurru.com
ئەرەبچە تور بەت ئادېرسى:ar.uyghurtimes.com
ياپونچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurjp.com
گوللاندچە تور بەت ئادېرسى:www.oeigoeren.com
ئسپانچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.es
ئىبرايچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.co.il
ھىندونوزىيەچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.id
قۇرغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.
خاراكتىرى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى–پايدا ئالمايدىغان تەشكىلى ئورگان بولۇپ، ئاممىۋى قوللاش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ.
خادىملار: 100 دىن ئارتۇق ئەزارلار ئىچىدە، بىر قسم مۇقىم خىزمەتچىلىرىدىن باشقا كۆپ قسم خادىملار پىدائىيلىق ۋەزپىسنى ئۆتەيدۇ.
ئورنى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نۆۋەتتە ۋاشنگىتوندا، تۈركىيەنىڭ ئستانبۇل شەھىرىدە ئشخانا تەسس قىلغان، ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرى، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە قازاقستاندا مۇخبىرلار پونكىتى قوشۇنى قۇرغان.
رولى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى–ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سياسى ۋە ئىجتىمائى رىئاللىقىنى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنياغا ئەينەن يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋەزىپسنى ئۈستىگە ئالغان ئورگان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا يەتكۇزۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى خەلقكە بىلدۇرۇش،دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسيەسنى ئاممىغا بىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرىنەرلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى كىملىكى، مەدەنىيتى، ئەدەبىياتى ھەققىدە تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىلان قىلىپ،مۇھاجىرەت خەلقىمىزنىڭ مىللى روھىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيلەشتە خىزمەت ئشلىدى.شۇنداقلا،مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئارسدا،ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشەببۇسلىرى،گۇۋاھلىق بىرىش ھەرىكىتى،ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى ساھەسىدە ھەرىكەت چاقىرىقلىرىنى ئىلان قىلىپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئاۋاز قوشتى.
تەسرى:
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەر بېكىتى–مەزمۇن رەڭدارلىقى، چىنلىقى، ئاممىبابلىقى، بىتەرەپ ھالدا ئىچكى ماجرالارغا ئارىلاشماسلىقى بىلەن مۇھاجىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇيغۇر خەلقىگە قىززىقۇچى مۇتەخەسسلەر، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەر، ھۆكۈمەت ئاخبارات تارماقلىرىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىزچە قانىلى ئۇيغۇر تايمىيز–ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ قالدى. ئەرەبچە، تۈركچە، ياپونچە، ختتايچە، گىرمانچە قاناللىرى–ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان مەخسۇس ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. ۋاشنگىتون پوچتىسى، ئەلجەزىرە،خەتەر ئىچىدىكى ئالىملار قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋەرلىرىنى نەقلى قىلىپ ئشلەتتى.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۈچ پىرىنسپى بار بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت.
شۇئارى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئاساسلىق شۇئارى: «مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!!»