ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 24- ئاپرېل

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى لۇ شايېنىڭ 21-ئاپرېل تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە قىلغان سۆزلىرى داۋاملىق تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق ئىنكاسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. 23-ئاپرېل 80 نەپەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بىرلىكتە «دۇنيا گېزىتى» دە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ خىتاي ئەلچىسى لۇ شايېنى فىرانسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە باياناتتا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاترىن كولونا Catherine Colonna خانىمغا خىتاب قىلىپ خىتاي ئەلچىسىنىڭ «نومۇسسىزلارچە» قىلغان ھۇجۇمىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: « ئېنىقكى، ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. بۇ سۆزلەر فىرانسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى دەپ قارىلىشى كېرەك…لۇ شايې ئېنىق قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ باياناتلىرى دىپلوماتىيە قائىدىلىرىگە تۈپتىن خىلاپ، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش «ئۇرۇش بۆرىسى» تۈسىدىكى سۆزلەرگە جاۋاب قايتۇرالمىسا قەتئىي بولمايدۇ…»

بىرلەشمە باياناتتا خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خەلقئارا دىپلوماتىيە قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا قىلغان بىر قانچە قېتىملىق سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان، مەسىلەن: 2022-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۇ تەپ تارتماستىن: « تەيۋەن خەلقى بېيجىڭ تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ قالسا، ئۇلارغا «قايتا تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىش كېرەك.» دېگەن، يەنە بىر قېتىم فىرانسىيەدىكى سىياسىي تەتقىقاتچى ئانتۋان بونداز ئەپەندىمنى «كىچىك لۈكچەك» دەپ ھاقارەتلىگەن. 

پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان باياناتتا يەنە مۇنداق يېزىلىدۇ: « يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى قالايمىقان سۆز قىلغان دىپلوماتلاردىن بىر قانچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆزدە تۇتۇپ، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن باش ئەلچى لۇ شايېىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇنىڭدىن سىرت، لۇ شايېنىڭ قىلغان سۆزلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ئۇكرائىنا، لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن ھازىرغا قەدەر خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ ھاقارەت تۈسىدىكى سۆزلىرىگە قارشى سادا چىقمىغان. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نەبىجان تۇرسۇنغا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات تۆھپىسى ئۈچۈن « ساخاۋەت» مېدالى تەقدىم قىلدى

چا ئاپرېل 26 , 2023
قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نەبىجان تۇرسۇنغا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات تۆھپىسى ئۈچۈن « ساخاۋەت» مېدالى تەقدىم قىلدى

You May Like