خىتاي خەلق تورى : ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 27 خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش كەسپىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 18-فېۋرال
خىتاي ئورگان تاراتقۇسى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 6-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(ئۇيغۇرىستان/شەرقىي تۈركىستان. ت)دىكى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە 27 خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش تۈرلىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 3-ئايدىن باشلاپ بۇ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا چەتئەلگە قارىتىلغان ئۆمەك تەشكىللەش تۈرلىرى رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تايلاند، سىنگاپور قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا لىنىيەسى 4-ئايلاردىن باشلاپ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن.