ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەلاھىدە خۇشخەۋەر

تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تۇركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىگە يىغىلىپ ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن باسىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە ستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ياشلارنى ئۇچراشتۇرۇش، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىرى كۇچلۇك بۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە نىمىلەرنى قىلالايمىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش…

تۇركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان يۈرىكى ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن كۆيۈۋاتقان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تۇركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىگە يىغىلىپ ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن باسىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە ستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ياشلارنى ئۇچراشتۇرۇش، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىرى كۇچلۇك بۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە نىمىلەرنى قىلالايمىز مەسىلىسى ھەققىدە ۋەتەن داۋاسىدا ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان پىشقەدەملەر بىلەن سۆھبەت قىلىش، ئاتىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى بىلمىگەن ئۆزگىنى بىلمەس سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ۋە بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان پۇرسەتلەرگە تەييار بولۇش، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ ئوز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئورتاق قارار ئېلىپ كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق سىستىمىلىق ھالدا مەخسەت نىشانىمىزغا قاراپ تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ھەرىكەت قىلىش.

ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قانداق قىلغاندا پىسخىكىمىزنى تېخىمۇ ساغلام تۇتۇلايمىز، قانداق قىلغاندا ناچار كەيپىياتىمىزنى ياخشى كەيپىياتقا ئايلاندۇرالايمىز بۇ مەسىلە ئۇستىدىمۇ مۇتەخەسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىرىمىز بۇلىدۇ

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتقان تۇرمۇش بېسىمى ۋە ئىقتىسادى بېسىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئېچىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى قانداق ھۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ دېگەن تىما ئۈستىدە ئۇزۇن يىللىق ئوقوغۇچى تەربىلەش تەجرىبىسىگە ئىگە ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سوھبەت ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇ سوھبىتىمىزدە كەلگۇسىدە ئىش ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ بولغا پروگرام يېزىش، پروگراملارنى سىناق قىلىش، پروگراملارنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى تەربىيلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبىتىمىز بولىدۇ.

ئوقۇش خىيالى بولغان ئەمما قەيەردە، قايسى دۆلەتتە ئوقۇشنى بىلەلمەيۋاتقان ياكى ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىن خەۋەردار بولالمايۋاتقان ياشلىرىمىزغا خەلقئارالىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئاكادېمىكلىرىمىز بىلەن سۆھبىتىمىز بولىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغتاققا بىرىپ قار تېيلىش پائالىيىتى ئوتكۇزۇلىدۇ .

تىزىملىتىش ئۈچۈن ئالدىراڭ.

سان چەكلىك

دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيغايسىز.

ئاخىرقى تىزىملىتىش ۋاقتى:  1. ئاينىڭ 25. كۇنىدىن بۇرۇن تىزىملاتقايسىز

پروگراممىمىز پۈتۈنلەي ھەقسىز، سان چەكلىك. تىزىملىتىشقا ئالدىراڭ.

ۋاقتى: 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە

ئادرېسى: بۇرسا ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتى

ئاخىرقى تىزىملىتىش ۋاقتى: 2023-يىلى 25-يانۋارغىچە

تىزىملىتىش ئادىرىسى : https://forms.gle/t62nfsL1LWttiA156

دەپ: ئابدۇلقادىر ئۇيغۇر 

05458716955

Uyghur Reporter

Next Post

پارتىلاتقۇچ: ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى ئۇيغۇر لايىھەسنى 8-قېتىم رەت قىلدى.ئاق پارتىيە: غەرپنىڭ ئويۇنىغا چۈشمەڭلار !

پە يانۋار 19 , 2023
ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەڭگۈ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز)

You May Like