دادامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال دەردىنى ئاشىق گاداداىن سورا،
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم،
بۇنى ئۆز ئىلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سورا!،
«سەرسان روھ » رومانىدىن
بۈگۈن 5-ئاينىڭ 23-كۈنى. بۇ كۈن مىنىڭ مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان كۈن. بۇ كۈن بۇ دۇنيادىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە مېنى دادامدىن شۇنداقلا 19 ئائىلە ئەزالىرىمدىن مەڭگۈ ئايرىۋەتكەن كۈن. بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنى كۈندە، يەنى 2017 -يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى دادام بىلەن تېلېفوندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدىم. شۇ كۈندىكى دادام بىلەن تېلېفوندا دېيىشكەن گەپلەر ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ… « دادا قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن سېنىڭمۇ دىلىڭ سۇنۇق، ئۆگەي ئاپام ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتامدۇ؟ سەن ئەڭ ئامراق ۋە سەن پەخىرلىنىدىغان ئوغلۇڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭدە يېنىڭدا بولۇپ ساڭا تەسەللى بېرەلمىدى . سەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا سېنى يوقلاپ بېرىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىدىم. بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم. بۇلارنى ئويلىسام ئۈزۈمنى ئالدىڭدا گۇناھكاردەك ھېس قىلىمەن»…. تېلېفوندا گەپ قىلىۋېتىپ «مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر دادا !» دەپ كۆز يېشى قىلغانلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. دادام تېلېفوندا : «ئوغلۇم، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، كىم ئويلىغان سېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ ياشىشىڭنى. ھەر ئىشتا بىر خەير بار، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ بىر خەير باردۇ. بىزدە < ئۆز يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس> دەيدىغان گەپ بار. ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرچىلىقتا ھەممە نەرسەڭ تەل بولسىمۇ كۆڭلۈڭنىڭ بىر يېرى يېرىم بولىدۇ، ئىچ-ئىچڭدىن خۇشال بولۇپ كۈلەلمەيسەن، مۇساپىرچىلىق سېنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سەن بۇ ھاياتتا بىز كۆرمىگەن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى كۆردۈڭ، دۇنيانى چۈشەندىڭ، ئۆزۈڭنىمۇ تېخى چۈشەندىڭ، نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى، بالىلىقتا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىڭنى، بىر ئوبدان خىزمىتىڭنى تاشلاپ، چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ ياشاشنى تاللىغانلىقىڭغا تېخىمۇ ياخشى جاۋابلارنى تاپقان بولۇشۇڭ مۇمكىن. مەيلى سەن قەيەردە ياشا، سېنى باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا تۇپراقنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويما. ئائىلەڭگە ئوبدان قارا، باللىرىڭنى ياخشى باق، ياخشى تەربىيەلە. مۇساپىرچىلىقتا ساڭا تەسەللى بولىدىغىنى، سېنى خۇشال قىلىدىغىنى ئايالىڭ بىلەن باللىرىڭ. شۇلارنى خوش قىلغىنىڭ مېنى خوش قىلغىنىڭ» دەپ ماڭا تەربىيە قىلغانىدى.
مەن ئېسىمنى بىلسەم، دادام رەھمەتلىك دادىسىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتتى، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلاتتى. بىز ئۇيغۇرلاردىكى «ئاتا-ئاناڭ رازى، خۇدا رازى» دېگەن ئاتا سۆزگە بەك ئەمەل قىلاتتى. دادامدىن قالغان ئۇدۇم ئوخشايدۇ، مەنمۇ دادامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئوبدان ئاڭلايتتىم ۋە ئېسىمدە ساقلايتتىم. دادامنى نارازى قىلىشنى راۋا كۆرمەيتتىم. بۇ قېتىملىق قىسقا پاراڭلىشىشتا دادام يەنە ماڭا : «ئوغلۇم سەن دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ،ئۆرپ-ئادەتتە بىزگە تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىسەن. سەن بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ياخشى پۇقرا بولۇپ ياشا، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىل، شۇ ۋاقىتتا قەدىر-قىممىتىڭ بولىدۇ. گوللاندىيە سېنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىڭ، بالىلىرىڭنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنى بولۇپ قالدى. سەن قانداق ياشىساڭ بالىلىرىڭ سەندىن شۇنى ئۆگىنىدۇ. بالىلىرىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ئۇلارغا ئۈلگە بول. ئۇلارنى ياخشى ئوقۇت» دېگەنىدى.
بۇ قېتىملىق پاراڭلىشىشتا خۇددى دادامنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرى، ئاخىرقى تەربىيەسى ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن. مانا بىردەمدىلا تۆت يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بۇ كۆيۈمچان، مېھنەتكەش، سەمىمىي، قەدىرلىك دادامنىڭ ئاۋازىنى سېغىندىم. دادامنىڭ سماسى ھەر دائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بەزى كۈنلىرى دادام بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ چۈش كۈرىمەن، بەزى كۈنلىرى كۆرگەن چۈشۈمدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىمەن. دادا سېنى شۇنداق سېغىندىم. سېنىڭ قەدرىڭنى مەن ئەمدى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ باللىرىمغا دادا بولۇپ، بالىلىرىمنى تەربىيەلەپ ساغلام چوڭ قىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دادا سەن پات-پات «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دەپ قوياتتىڭ، بالىلىرىم ھەر قېتىم بويۇنلىرىمغا مىنىۋالغاندا مۇشۇ سۆزۈڭ يادىمغا كېلىدۇ، سېنىڭ سمايىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. سەن دادىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ، مىنىڭ دادىلىق بۇرچۇم تېخى ئەمدى باشلاندى.
خەلقىمىزدە «ئوغۇل ئاتىنىڭ سىرىدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. مەن ئۆزۈمدىكى ياخشى تەرەپلەرنى بايقىغاندا بۇنىڭ سەندىن ماڭا ئۇدۇم قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن، ۋە بۇ پەزىلەتلەرنى بالىلىرىمغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىمەن. سېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭ ماڭا ئىلھامدۇر، سېنىڭ تەمكىن، ئېغىر-بېسىق ھالىتىڭ مېنى سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدۇ، سېنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىڭ ماڭا ھەق-ناھەقنى ۋە دوست-دۈشمەننى ئايرىشنى ئۆگىتىدۇ، سەن مېنىڭ شانلىق ئەجدادىم، سەن مېنىڭ يولباشچىم، سەن مەندىكى مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى، ھايات بولغان بولساڭ ئامان بولغىن دادا! ۋاپات ئەتكەن بولساڭ ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن.