6) خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى باياناتى قارشىلىققا ئۇچرىدى

6) خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى باياناتى قارشىلىققا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (پارىژ)
25-فېۋرال خەۋىرى

 

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى (RFI) 24- فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: 23-فېۋرال خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە فرانسۇزچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا يازمىچە بايانات ئېلان قىلىپ، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئۈستىدىن نومۇسسىزلارچە شىكايەت قىلغان. باياناتتا گۈلباھار خانىمنى «تېررورچى»، «بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» دېگەندەك بەتناملار بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا «قۇتراتقۇلىق قىلغان» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ قېتىم يولدىشى ۋە قىزلىرى بىلەن خىتايغا قايتىپ، تېرورلۇق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دېگەندەك ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن قارىلىغان. باياناتنىڭ ئاخىرىدا بولسا گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىنغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.

 

فرانسىيە رادىئوسى بۇ توغرىسىدا گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قىزى گۈلخۇمار خانىمنى زىيارەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يۇقىرقى باياناتىغا ئۆزىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بولسا 2006- يىلى فرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ھېچقاچان خىتاي تۇپرىقىغا قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن كونسۇلخانىنىڭ بايانلىرىنىڭ پەقەتلا قالايمىقان «بىلجىرلاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

فرانسىيە ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ خىتايغا بېرىشنى ئۈچ قېتىم تەلەپ قىلىپ بولدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىشىكىنى داغدام ئېچىپ تەكشۈرۈش ئۆمۈكىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؟» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. يۇقىرقىدەك سوئاللار فرانسۇزچە تۋىتتېر سۇپىلىرىدا بىردەك ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال بولغان.

 

فرانسىيە ئىستراتېگىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتايشۇناس ئانتۇۋەن بونداز (Antoine Bondaz) خىتاي كونسۇلىنىڭ گۈلباھار خانىمنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يازغان بايانلىرىغا «ناھايىتىمۇ سەۋىيەلىك يېزىلىپتۇ!» دەپ كىنايە قىلغان.

 

خەۋەر ئۇلىنىشى:

 

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20210224-%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E9%A9%BB%E6%B3%95%E4%BD%BF%E9%A6%86%E5%B0%B1%E6%97%85%E6%B3%95%E6%96%B0%E7%96%86%E7%BB%B4%E6%97%8F%E5%A6%87%E5%A5%B3%E6%96%B0%E4%B9%A6%E5%8F%91%E8%A1%A8%E5%A3%B0%E6%98%8E%E8%A2%AB%E6%8C%87%E4%B8%80%E6%B4%BE%E8%83%A1%E8%A8%80

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نايك(NIKE)ئۈستىدىن ئەرزنامە سۇنۇلدى

پە فېۋرال 25 , 2021
نايك(NIKE)ئۈستىدىن ئەرزنامە سۇنۇلدى

You May Like