شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مىسىردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلەر بىرلىكىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 2013-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۇراخمان خېلىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن…

قانلىق يەكشەنبە ، ئار – نۇمۇس ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان!
(بۇ خاتىرە 2015 –يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا كەمىنە چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن توپلانغان ئىدى،ئۇ سەۋەپتىن كىرىش قىسمىدىكى بايانلار شۇ ۋاقىتلاردىكى ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.)
ئالقاغۇ پاجىئەسى: ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 نەپەر، ئېغىر يارىدار 55 نەپەر، يارىدارلارنى قۇتقۇزماي، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئوننەچچە، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ جىنازىسى ئۆيىگە بېرىلمىدى.

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 28-ئىيۇل ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مەخسۇس يېغىنى چاقىرىپ، سودا-سانائەت ساھەسدىكىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئ‍ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى،ئۇ يەنە سانائەتكە 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە تەيۋەن كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا باشلاپ كىرىپ،ختتاي كارخانىلىرىنى ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،«ئىدىرىس ھەسەن خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئايرودۇرۇمدىلا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىدىرىس ھەسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق گۇماندار ».

ئىزاھات:مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللۇنۇپ، پىرەزدىنت ئىمزا قويغاندىن كىين كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئەنگىلىيە تاشقى ئ‍شلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب 19-ئېيۇل كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېرقى قېرغىنچىلىقنى تەپسلى تونۇشتۇرۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئ‍شقا باشتىن -ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئەمەلى ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئارىلاشقان شركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

ئامرېكا سودا مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل بايانات بېرىپ خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىكىچىلىكىگە تۆھپە قوشقان، ئامرېكا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان شۇنداقلا ئامرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالغان 34 شېركەتكە ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ختتاي دۆلەت رەئىسى شى بىلەن تىلفۇنلاشقان،سۆھبەت-ئ‍نېرگىيە، تۈركىيەگە مەبلەغ سلىش، تىجارەت، قاتناش ۋە ساقلىق تېمىلىرى ئاساسدا ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساس قىلىنغان.

بۇگۇن ئەتتىگەندىن بىرى، ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرس ئىسىملىك قېرىندىشمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئايالى ۋە باشقىلاردىن مۇناسۋەتلىك ئەھۋالنى سۈرۈشتۇرۇپ ئىگەللىگەندىن كىين،بۇ مەسلىنى جىددى ھالدا مەخسۇس ھۇججەتلەشتۇرۇپ، تەرجىمە قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈمىگە يەتكۇزگەن ئىدۇق، بۇ ۋەقەگە جىددى قارايدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

2021- يىلى 5 – ئاينىڭ 31- كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇن بۇرنۇ رايونىدا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئېغىر دەرىجىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى. ئىككى نەپەر بۇلاڭچى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلاجاننى بىناسىنىڭ كىرىش قەۋىتىدە ئېغىر يارىلاندۇرۇپ يېنىدىكى سومكىنى بۇلاپ قاچقان، سومكا ئىچىدە 4 كىلوگرام كېسەك ئالتۇن، 33 گرام پارچە ئالتۇن ۋە ئالتە يۈز دوللارغا يېقىن نەق پۇل شۇنداقلا باشقا ئىككى دانە كىتاب بار ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى، ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى بىلەن بۇلاڭچىلار تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەلىك، بىرى ئۆزبېكىستا

فرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان بالىلار گېزىتى » مېنىڭ كۈندىلىكىم» (Mon Quotidien) ژۇرنىلى 30-ئىيۇن ۋە 2-ئىيۇل كۈنلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە 3-ئىيۇل خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ توربېتىدە كۆرسىتىلىشىچە 9-ئىيۇل خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (فرانسىيەنىڭ مارسېل، ستراسبۇرگ، لېئون قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تارماق كونسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن دوستانىلىك دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننى بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ، بېيجىڭغا قارشى ياۋروپا بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى خالايدۇ.

يېتىلىۋاتقان ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئېلىپ بېرىلدى .

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق سياسى ئىشلار ژۇرنىلى «دىپلومات» تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، تۇتۇشى، پاكىستاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدىكى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.

سىنگاپورلۇق خىتاي پۇشتىدىن بولغان كانادا پۇقراسى Yuen Pau Woo (胡元豹)، 58 ياش، ئاكادېمىك. كانادا ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئورگانلاردا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2016- يىلى كانادا سەناتورلۇقىغا سايلانغان ۋە مۇستەقىل سەناتۇرلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بۈگۈنگىچە رەئىسلىكىنى ئۆتىمەكتە.