دوپپا بايرىمىنى قوللاپ، تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئابدۇبەسر شۇكۇرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسدە؛

ياۋروپا پارلامېنتى ئىجرائىيە مۇئاۋىن ئەمەلدارى ۋالدىس دومبروۋسىكىس(Valdis Dombrovskis) 4-ماي سەيشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيانقى ياۋروپا – خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسىرى يىرىكلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەبلەغ كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېلىنكىن ساھىپخان دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاپ بىلەن كۆرۈشتى. ئېلان قىلىنغان باياناتتا دىيېلىشچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسگە خىلاپلىق قىلىشغا يول قويمايدۇ .خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

4-ماي سەيشەنبە سائەت 12دىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پارلامېنت بىنالىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور مۇلازىمەت سۇپىسى Belnet كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بېلگىيە <<ئەركىن>>(La Libre ) گېزىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك پارلامېنتتىكى ئېچىلماقچى بولغان بارلىق يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.