بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتى «دۇنيا» گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان :« فىمەنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاياش بولۇشىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن» ناملىق ماقالە مەزكۇر گىزىتنىڭ باش بېتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. «دۇنيا گىزىتى» فىرانسىيەدىكى ئوڭچىل- سولچىل تەرەپلەر بىردەك ئىتراپ قىلىدىغان دىلنۇر خانىم يازغان ماقالە ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ، ھەتتا تىلىفۇنلارغا كىلىدىغان «دۇنيا» گىزىتى خەۋەرلىرىنىڭ باش تىزىملىكىگە تىزىلغان.

يىقىندىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىىسدە ۋە ئۇيغۇرغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدىكى سولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن«ئازاتلىق» گىزىتى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ» دىگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئالاھىدە تەسىرى بولغان

190 دىن ئارتۇق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سودا ۋە كارخانىلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور بەت ئادرېسىغا :« ئۇيغۇر ئىشچى قۇللۇقىغا خاتىمە!» دەپ يېزىلغان.

ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 10-ئىيۇل ئىيى پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەجلىستە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» -ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەشكىل قىلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!س

2020-يىلى 10-ئىيۇل تۈركىيە پارلامنىتى ئەردوغاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاياسوفيەنى مەسجىدكە ئۆزگەرتىشنى تەستىقىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا بۇ ھەقتە قىزغىن بەس- مۇنازىرە كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە بىز شۇنىڭ بىر قسمىنى كۆپچىلىككە ئەينەن ھالدا سۇنىمىز

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىن چۈەنگو قاتارلىق تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قساس ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي جازالاشنى ئېلان قىلغانلار ئىچىدە،

ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىتىر خۇكىستىرا ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوللاندىيە ئالكمار شەھرىدىكى گۈزەل مەنزىرەلىك بىر دالىدا گوللاندىيەدىكى ئ‍ۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىلى زىيارەتكە كەلدى. بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئوپچە مۇلاقەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، تۈركىيە خەلقئارا سەھنىدە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلدى. سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە لىۋىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا تۈركىيە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ «رايونلۇق كۈچ» سالاھىيىتىنى كۆپ قېتىم ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۈگۈن چىن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنامە سۇنۇلدى. مەزكۇر خەۋەر ۋال كوچىسى، نىيويورك ۋاقتى قاتارلىق داڭلىق گىزىتلەردە ئىلان قىلىندى!

ھەر يىلى 5.ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شېھىتلارنى ئەسلەيدۇ ۋە خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ.

2009.07.05 قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك كۈنلەردىن بىرى !

بىز بۇ كۈن بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئاددى ئەمما ئولۇغ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا تەرىپلىيەلەيمىز ____ ئىيۇل شېھىتلىرى !

بۇ شىۋىتسارىيەدە بىر ژۇرنالىست بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە سۇندۇم . ۋە بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقى سىياسەتلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈردۈم.