نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى سىرتىدا توپلىنىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى مۇتلە كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان زۇلۇملارغا قارشى نامايىش قىلدى.

20- دىكابىر، ئامرىكىدا «تىبەتكە سەپەر باراۋەرلىك قانۇنى» ماقۇللاندى. بۇ قانۇن ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامرىكا قاتارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشىغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر قانۇندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئامرىكىلىق مۇخبىر، دىپلومات ۋە ساياھەتچىلەرنى ھىچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا تىبەتكە بىرىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۈستىدىكى رەسىمدە جۇڭگو شىنجاڭ كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتى نامەلۇم بىر پارچە رەسىمىدە، بىر خىتاي كادىر ئاتالمىش «تۇغقان» قىلىپ تەيىنلەنگەن بىر ئۇيغۇر بالىغا «بىزنىڭ جوڭگو» ناملىق رەسىملىك كىتابنى سوۋغا قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئادىل ۋە ئوبىكتىپ پاكىتلار ئاساسدا شۇ يىلدا ئەڭ تەسرلىك ياكى كۆپ كۆرۇلگەن ، مەلۇم رىئاللىقنى كۇچلۇك ئەكىس ئەتتۇرگەن،ئەستە قالارلىق سۇرەتلەرنى تاللاپ ئىلان قىلدى.

1-مانا بۇ جازا لاگىرى !

18 – دېكابىر بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە 3.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە قۇراللىرىنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئامېرىكا جەمئىي 140 دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن رادار، باشقۇرۇش ۋە قويۇپ بېرىش ئەسلىھەلىرىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان

پرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ يىل ئاخىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرى» ھەققىدە توختالدى.

2018-12-19
ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 19- دېكابىر بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى يوقلاپ باردى.

11- دېكابىر ماراكەشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ياۋرۇپادىكى تالاش-تارتىشقا ۋە كىرزىسكە سەۋەپ بولغان، بىلگىيە باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە كىرزىس پەيدا قىلغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

خىتاينىڭ خەلىق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدا 18-دىكابىر تارقالغان بىر خەۋردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تور شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتىنىڭ مىسىر شۆبىسىگە جەمىيى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

وكتۇر مەمەت ئىمىن (نيۇيورك) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن جىددى كۆڭۇل بۆلمەكتە. ئامىركىدا ياشاۋاتقان كۆپۈنچە جامائەتنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايۇنى يالغۇز ئامىرىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن،

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاي ھەققىدە يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەھدىتى روسىيىدىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈرك تەتقىقاتلىرى رەئىسى كۆزخان يازگان ۋە ۋېنگىرىيە تۇران ۋەقىپى ئاندراس بىرو ( Andras Biro ) بۇ موكاپاتنى ئىلھام توختىغا لايىق كۆردى ۋە موكاپاتنى ئون نەچچە يىل ئەنگىليەدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد خانىم ۋەكىل بولۇپ قۇبۇل قىلدى.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرىدە ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ئۆز ھۈكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشقا بېسىم قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنىچىلق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋەھىمىلىك سىياسەتلىرىنى توختىتىشتا ۋە تۈرمە -لاگىرلارغا سۇلانغان مىليۇنلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلىشىدا ئىستىراتىگىيىلىك رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

2018-يىلى 13- دىكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋىرستىتىدا « شەرقىي تۈركستاندىن ئەسلىملە: جمجىت قىرغىنچلىق » دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا لاگىرنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بىك ئاكا ۋە گۈلباھار جېلىل ھەدە قاتناشتى ۋە لاگىرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. يىغىنغا 70-80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ كۆپنچىسى تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى نۇتۇقىڭىزدىنمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز بىزنى-ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىراز ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالماقتا.

يېڭى تاراتقۇ «مانا ھازىر» سىياسىي ئاخبارات قانىلى 7-دېكابىر ئۇيغۇر قىزى ئايدىن ئەنۋەر سۆزلىگەن تۆت يىرىم مىنۇتلۇق قسقا سىن خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر قانالنىڭ فايىسبۇك، تىۋىتتىر، ئىنتسىگرام قاتارلىق قاناللىرىدا كۆرگۈچىلەر، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بولۇپ، كۆرۈلۈش قېتىم سانى 12 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىرغىچە تارقاتقان ئادەملەر سانى 260 مىڭدىن ئاشقان، ئىنكاس سانى نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئاخبارات قانىلى ساھەسىدىمۇ مۇھىم رېكورت بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.