20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدىكى بىر قسم يارقىن نۇقتىلار:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۇرغۇنجان تەييارلىدى

*ئامېرىكا ختاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق بىلەن شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسدىكى تارىخى قۇرۇلۇش-پويىز يولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

*ختاي دۆلەت رەئىسى شى بۇ قېتىملىق مۇھىم يېغىنغا قاتناشمىدى، ئورنىغا باش منستىر لى كېچىياڭنى ئەۋەتتى.بىر قسم تاراتقۇلار:«ختاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا سستىمىسغا قارشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى »دەپ قاراشتى.

*يېغىن ھىندستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى، ھىندستان ختاي بىلەن رىقابەتلىشۋاتقان كۈچلۈك ھالىتىنى نامايان قىلىشقا تىرشتى.

*ھىندىستان باش منستىرى مودى ئافرىقا ئېتتپاقىنىڭ مەزكۇر گۇرۇھقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ ختاي يتەكچى ئورۇننى تالىشۋاتقان«كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقى»نىڭ دۇنيادىكى يتەكچىلىك ئورنىغا قىلىنغان خىرىسنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارالدى.

*ھىندستان يەنە دۆلەت ئ‍سمىنى «India» ئەمەس، «Bharat»دەپ قوللىنىپ، ھىندى مىللەتچىلىكىنىڭ قايتا كۈچيدىغانلىقىدىن سگنال بەردى.

*ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن ختاينىڭ بولماسلىقىدىن پايدىلاندى، ختاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسدا ئىككىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشپ، ئۇلارنى يېنىغا تارتىشقا تېرشىماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىرئۇيغۇر زىيالينى قانداق ئامىللار چېرىكلەشتۈرىدۇ؟

شە سېنتەبىر 9 , 2023
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (بۇ بۇرۇن يازغان قسقا ماقالەم ئىكەن. مەن ئەخلاق ياكى پىرىنسپ ئۈلگىسى ئەمەس، بەزى سەۋەنلىكلەر مەندىمۇ سادىر بولىدۇ، ئەمما توغرا قاراشلارنى ئورتاقلىشش بۇرچىمىزدۇر) تىلىمىزدىكى بىر زىيالى سۆزىنى بىر  ئىلىم ئەھلى، تەتقىقاتچى ،ئالىم  دەپ چۈشەنسەك، بىر ساغلام زىيالى مەلۇم ساھەدە چوڭقۇرلىغان ئىلىم ئەھلى،  ئۇنىڭ خىزمىتى- توغرا ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە […]
bir-uyghur-ziyalisi

You May Like