زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋە ئىككى قىزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى

تۈركىيەدە ئىقامەت قىلىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرۇسۇن ۋە ئىككى قىزى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركىزىدىن ئىستانبولغا، ئىستانبولدىن تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقى ۋە تاجىكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-27

 

تۈركىيەدە ئىقامەت قىلىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرۇسۇن ۋە ئىككى قىزى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركىزىدىن ئىستانبولغا، ئىستانبولدىن تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقى ۋە تاجىكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

 

زىننەتگۈلنىڭ ھەدىسى جەننەتگۈل تۇرسۇن بىلدۈرگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، زىننەتگۈل پەرزەنتلىرى بىلەن تەخمىنەن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى رامزان مەزگىلىدە تۇتۇلغان بولۇپ، تاكى قايتۇرۇلغانغا قەدەر ئىزمىردىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان. جەننەتگۈل تۇرسۇن ۋەتەندىكى ئانىسى بىلەن تەستە ئالاقىلىشىپ، سىڭلىسىنىڭ پەرزەتنلىرى بىلەن قايتۇرۇلغانلىقىنى، قىزلىرىنىڭ بەدىنىگە قىزىل چىققانلىق سەۋەپلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، زىننەتگۈلنىڭ بولسا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنچە ھېچ ئىز دېرىكى بولمىغانلىقىنى ئۇققان. «شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى» رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندىممۇ تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارىنىڭ زىننەتگۈلنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى فېيسبوك ھېسابىدا بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرىغا زىننەتگۇلنىڭ ئىقامەت كوپىسىنى يوللاپ سۈرۈشتە قىلغاندا «بۇ ئايال ئۇيغۇر ئەمەس، بىز ھىچ بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرمىدۇق، تاپشۇرمايمىز ۋە ھىچكىم تاپشۇرالمايدۇ» دەپ جاۋاپ قىلىپ، تاجىكىستانغا «رەھىمە ئاھمەدوۋا» ئىسىملىك بىر تاجىك ئايالنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قانداق بولۇپ تاجىك دەپ بېكىتىلگەنلىكى ۋە تاجىكىستاننىڭ ئۇنى قايتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقى نامەلۇم.

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارغا خىيانەت قىلدى

يە ئىيۇل 28 , 2019
تاشقى سىياسەت تور ژورنىلى 2019-7-28 ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھاۋاگۈل     تىرامپ ھۆكۈمىتى كامپتىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە قارىغاندا بەكرەك ھەركەت قىلدى. بوش قالغان كوچىلار, چۆللەرنىڭ ئەتراپىغا يېيىلغان كامپلار ,كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ سۆزلەشمەلىرى,زامانىۋى دەۋىردىكى دۆلەت تېررورلۇقى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك . خىتتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركسىتان-ت) رايونىدىكى بىر […]

You May Like