خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن خىزمىتىدىن يۆتكەلگەن

خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن خىزمىتىدىن يۆتكەلگەن

خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن خىزمىتىدىن يۆتكەلگەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى10-يانۋار

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن يېقىندا خىزمىتىدىن يۆتكىلىپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرا ۋە دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.

جاۋ 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مۇتتەھەم، ئۇششۇق ۋە يالغانچى خاراكتېرى بىلەن خەلقئارادا «ئۇرۇش بۆرىسى دىپلوماتى»  دېگەن نام بىلەن كەڭ تونۇلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىمۇ ماس قەدەمدە ئۆكتەملىك بىلەن ئىش تۇتۇش يولىغا قاراپ يۈزلەنگەن. خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەبچى بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاۋ لىجىيەننى ئىش ئورنىدىن يۆتكىشى، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن بېسىلغان قەدىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي قازاقىستان چېگراسىنى ئېچىپ، قازاقلارنىڭ ساياھەت يولىنى ئاچتى، ئۇيغۇرلار داۋاملىق قاماقتا

سە يانۋار 10 , 2023
ختتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، ختتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۆلەت مىقياسدا پاسپورت تارقىتىش، ئىشكنى ئىچىش، ساياھەتكە يولغا قويۇشنى باشلىغان . ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشچە،ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئاساسى ئۇيغۇرلار بۇ سياسەتنىڭ تېشغا قالدۇرۇلغان.

You May Like