ئانا كەير ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئانا ۋەتەندىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش قىينچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىپ كەلگەن. يېقىندا بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر بازىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارلاشتۇرۇشىدا مۇھىم كۈچ چىقاردى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە قۇربان ھېيتنىڭ 2-كۈنى بولۇپ، ئانا كەير مەكتىپى بىلەن ۋىرجىنىيە ئادەمىيەت ئىشلىرى فوندى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «يىپەك يولى يەرمەنكىسى» مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى. مەن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرئان مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقۇچى ۋە يىغىن ماسلاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە، يەرمەنكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆردۇم،يەرمەنكىنىڭ جەريانى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇش ، جامائەتچىلىككە تەپسلى تونۇشتۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن ئانا كەير مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، مەزكۇر يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا كۆپ كۈچ چىقارغۇچى سۈرىيە خانىم بىلەن مەزكۇر زىيارەت ئېلىپ بېرىلدى.

تاھىرجان: بۇ قېتىملىق يېپەك يولى يەرمەنكىسىگە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، يەرمەنكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. سىزچە يەرمەنكىنىڭ كۆلىمى، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئۇنۇم جەھەتتە سىز كۆزلىگەن نىشانغا يەتتىمۇ؟
سۈرىيە خانىم: رەھمەت، مېنىڭچە كۆزلىگەن مەقسەتكە قىسمەن يەتتى دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن يەرمەنكىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېلانلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمىگە قىسمەن تەسىر قىلدى. ئەمما قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە نەتىجىسىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بۇ يەرمەنكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە داۋاملىق بولىشىغا ۋە بۇنىڭغا خەلقنىڭ ئېھتىياجى بارلىغىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىدى.
تاھىرجان: بۇنداق بىر يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش ئاسان ئەمەس، سىز بۇ جەرياندا يولۇققان قىيىنچىلىقلار چوقۇم كۆپ، سىز يەرمەنكىنى پىلانلاش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى مۇشەققەتلەر ۋە ئۇنى يېڭىش جەريانى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
سۈرىيە خانىم: توغرا، بىز بۇ يەرمەنكىنى ئۆتكۈزۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇق. ئادەم كۈچى، ئىقتىساد، باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئۇلاردىن جاۋاب كۈتۈش، ماتېرىياللارنى تەييارلاش، لوزۇنكا ۋە ئېلانلارنى چاپلاش، يەرلەرنى توسۇش ۋە تاماقلارنى توغرا ۋە ۋاقتىدا تەييارلاش، سەنئەتكارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بالىلارنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇق. ئەمما يەنىلا مەكتەپنىڭ ۋە جامائەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىزدىن ياقۇپجاننىڭ، مۇھتەرەم خانىملارنىڭ قوللىشى بىلەن ئوبدان ئۆتكۈزىۋالدۇق.
تاھىرجان: يېپەك يولى يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا قاتناشتى، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرمۇ ئاكتىپ قاتناشتى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
سۈرىيە خانىم: چۈنكى، يىپەك يولى دېگەندە پەقەت ئۇيغۇرلا بولمايدۇ، پۈتۈن تۈركىي قوۋمىلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى تارىختىن بۇيان بولۇپ كەلگەن. ھازىر مۇشۇ ئامېرىكىدىمۇ قېرىنداش مىللەتلەر ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت قىلىمىز، تىللىرىمىز، مەدەنىيىتىمىز يېقىن. بۇلار بىلەن بىللە قىلغان يارمەنكە تېخىمۇ گۈزەل ۋە داڭ-دۇڭلۇق بولىدۇ، دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
تاھىرجان: ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئاكتىپ قاتنىشىپ، يەرمەنكىنى جانلاندۇرۇپتۇ، ئۇلار ھەققىدە قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟
سۈرىيە خانىم: بىزنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىز تىرىشچان، پاكىز، قولى گۈل. ئۇلار ئۇيغۇر تائاملىرىنى باشقا مىللەتلەرگە كۆرسىتىش ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇلار پۇل تېپىشتىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى نامايان قىلىش ۋە جامائەتنىڭ بىر يەرگە كېلىپ كۆڭۈللۈك بىر كۈن ئۆتكۈزۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن ياقۇپجان ئىنىمىزنىڭ قەشقەر كاۋابى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولغاندىن سىرت، باشقا مىللەتلەرمۇ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان بىر كاۋاب بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇيغۇر بازىرى ۋە مۇشۇ پائالىيەتتە مەن بىلەن بىرگە ئېلان چىقىرىش ۋە تارقىتىش، باشقا تىجارەتچى قېرىنداشلارغا يول كۆرسىتىش جەھەتتە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياقۇپجان ئۇكىمىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
تاھىرجان: ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇسۇللىرى، بولۇپمۇ مۇزىكا، ئۇسۇل مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇسۇل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يارمەنكىنىڭ كۆزى بولۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى، ئاتا-ئانىلارنى پەخىرلەندۈردى، ئۇلارغا يارمەنكىدە سەھنە بېرىشتىكى ئويىڭىز قانداق؟
سۈرىيە خانىم: ئۇسۇل- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە نۇرغۇن داڭلىق ئۇسۇلچىلىرىمىز، يېتىشكەن ئۇسۇل پىشىۋالىرى بار ئىدى، ئۇلار ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۇرگەن. ھازىرقىدەك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقان دەۋىردە ئۆز مىراسلىرىمىزنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. مەكتىپىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىنىپلىرىدىن بىرى ئۇسۇل سىنىپىدۇر. بۇنىڭدا 3 ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇسۇل سىنىپىمىز بار، ئوغۇللار ئۇسۇل سىنىپىمىزمۇ بار. ئۇلار يىپەك يولى فېستىۋالى، جورجى ماسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىدىكى پارادلاردا ئۇسۇل قويۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل مەدەنىيىتىنى تونۇتتى. ئۇنىڭدىن باشقا مەرزىيە خانىمنىڭ ئۆزى تەشكىللىگەن ئۇسۇل سىنىپىغىمۇ مەكتىپىمىز ئورۇن بېرىپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇل ماھارەتلىرىنى بالىلارغا ئۆگىتىشكە پۇرسەت ۋە سەھنە ياراتتى. بۇ ئۇسۇل مۇئەللىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يەرمەنكىدە ئورۇن بېرىش يەنىلا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىشتا ھەر ساھەدە تىرىشىۋاتقان خادىملارغا سەھنە بېرىش ۋە قوللاشتۇرۇشتۇر.
سوئال: مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ چالغۇ ئەسۋاپلار، كىيىم-كېچەكلەر، دوپپا-ئەتلەس، گۈزەل سەنئەت ۋە ئۇيغۇرچە زىبۇ زىننەتلەرمۇ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، مېنىڭ ئايالىممۇ بۇ تۈرنى ناھايىتى «ياخشى تاللاش» بوپتۇ دەپ قارىدى. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر بولمىغانلارغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى قايسىلار؟
سۈرىيە خانىم: بۇنىڭ ئەسمىيىتى تىخىمۇ چوڭ . بىز تىلىمىز ، كىيىملىرىمىز ، چالغۇ ئەسۋاپلىرىمىز ، قول ئىشلىرىمىز ، گۈزەل ئۇنچە – مارجانلىرىمىز بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيتىنى شەكىللەندۇرىمىز ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا مەدىنىيىتىگە ئۆلمەس توھپىلەرنى قوشقان ۋە قوشىمىز . بىزنىڭ شۇنداق بىر مۇكەممەل مەدىنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىككەنلىگىمىزنى ۋە بىزنى يوقىتىشنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قارشى بىر چوڭ يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۇرۇشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
سوئال: كېيىنكى نۆۋەتتە قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟ كۆلەم جەھەتتە كېڭەيتىش پىلانىڭىز بارمۇ؟ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئويىڭىز بارمۇ؟
سۈرىيە خانىم: ئەلۋەتتە ، بۇ يەرمەنكىنى تىخىمۇ چوڭ قىلىش ، ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى ، مۇزىكانتلىرىنى ، سەناتكارلىرىنى چاقىرىش ، باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇھىم ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنى كۆپرەك تەكلىپ قىلىش ، تىجارەتچىلەرنىمۇ ئەكىلىش ئويۇم بار ۋە پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ بىز بىلەن باراۋەر ھەر تۈرلۈك پىكىر ۋە تەكلىپ ، كۈچى بىلەن ياردەمدە بولۇشىنىنى ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت
يەرمەنكە ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋىرىمىزنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:https://uyghur.uyghurtimes.com/category/muhajirat/shimaliy-amerika-uyghurliri/